يۈ جېڭشېڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋەن گاڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋرگە ئاتلىنىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى. شانلىق يىللارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يەنە بىر مۇھىم تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كېيىن «خەلق» سارىيىدا ئېچىلدى.
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ج ك پ 19-قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زور سىياسىي ۋەزىپە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچ چىقىرىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك ئاساستا نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.
مارت ئېيىدىكى بېيجىڭ قويۇق باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. خەلق سارىيىدىكى 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زال تولىمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىن بەلگىسى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلىپ، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە قاتار تىزىلغانىدى.
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2158، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2149 بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋاڭ ياڭ، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.
پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى