باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

لى كېچياڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

2018.03.03 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 2-مارت چۈشتىن بۇرۇن 1999-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا «ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، چىڭ تۇتۇپ، تېز ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى»، «مەركىزىي كومىتېت ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى كومىتېتىنىڭ 2018-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»، «دۆلەتنىڭ ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ھەم تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى تىزىملىكى قاراپ چېقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەپ، تەشكىلىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى، ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلاننى يېتەكچى قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئىسلاھاتلارنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرىلەش، تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ۋە يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك تۈرتكە ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا، ئارمىيە-خەلق ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشتە، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، دەۋر ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يۆنىلىشنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئومۇمىيەتنى پىلانلاش داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تەشكىلىي باشقۇرۇش سىستېمىسى، خىزمەتنى يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى، سىياسەت-تۈزۈم سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ئومۇمىي ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۇل ئەسلىھە يەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قۇرۇش ۋە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى ۋە قورال-جابدۇقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئارمىيە-خەلق پەن-تېخنىكىدا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ئىختىساسلىقلارنى قوغ يۆنىلىشلىك تەربىيەلەپ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ۋە ھەربىي ئارقا سەپ تەمىناتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، گۈللەنمە ساھەلەردىكى ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى دادىل يېڭىپ، 2018-يىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىدىيە ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جايلار، تارماقلاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كەسىپلەردە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى تۈزۈلمىسى، قورال-جابدۇقلارنى سېتىۋېلىش تۈزۈمى، ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ باھاسى ۋە باج قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتلارنى تېزلىتىپ، «پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەربىي سانائەت بازىرىغا قاتنىشىشى»، «ھەربىي ئېھتىياجغا لايىقلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىشنى خەلق ئېھتىياجىغا لايىقلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىشقا كۆچۈرۈش» توسۇقىنى تېز بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، بىر تۈركۈم تىپلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا دائىر ئۇنىۋېرسال قانۇن چىقىرىش ۋە نۇقتىلىق ساھەلىرىگە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «تەجرىبە ئېتىزى»، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە ئۇنى چەكلەۋاتقان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تۈگىتىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېڭى يول، يېڭى ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبە، ئۇسۇللارنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن يەرلىكنىڭ تەشەببۇسكار ئىزدىنىشىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ تۈزۈلمە-مېخانىزمدا، سىياسەت- تۈزۈمدە، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگە تىكلەش كېرەك. ئارمىيە ۋە يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار بايلىقلارنى قوشۇۋېتىش، كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈش، سىياسەتنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. يەرلىكتىكى پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، شۇنىڭدەك ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر