باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ۋىدېئو سىنلىرى تېرمىنالى تورغا چىقىرىلدى

2018.03.03 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورى، تېڭشۈن ۋە گېخۇا سىملىق تېلېۋىزىيە شىركىتى قاتارلىق ئۈچ تەرەپ بىرلىشىپ، 2- مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق ۋىدېئو سىنلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەمدە شېرىكلىشىپ شىركەت قۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە قىسقا ۋىدېئو سىنلىرى كەسپىنى روناق تاپقۇزۇشقا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. خەلق ۋىدېئو سىنلىرى تېرمىنالى شۇ كۈنى تورغا رەسمي چىقىرىلدى. خەلق گېزىتىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ تورغا چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق ئارقىلىق، خەلق تورى ئۆزىنىڭ مەزمۇن تەييارلاشتىكى ئەۋزەللىكى ۋە داڭلىق ماركا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى تېڭشۈننىڭ تېخنىكا سۇپىسى ئەۋزەللىكى ۋە ئېقىم مىقدارى ئەۋزەللىكى بىلەن بىرىكتۈرۈپ، ھەمدە گېخۇانىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بېيجىڭ رايونىدىكى تېرمىناللىرىنىڭ ھەممە جاينى كەڭ كۆلەمدە قاپلىغانلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شۇ ئارقىلىق بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، سۈپەتلىك ئۇچۇر ۋىدېئو سىنلىرى ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەزمۇنلىرىنى ھازىرلاپ تارقاتماقچى بولدى. تېڭشۈن شىركىتىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ۋىدېئو سىنلىرىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ھەققىدە رامكىلىق كېلىشىم ئىمزالاپ، خەلق تورىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ۋىدېئو سىنلىرى مەزمۇنلىرىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلق ۋىدېئو سىنلىرى تېرمىنالىنىڭ مەقسىتى شۇكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە تاراتقۇلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇچۇر تۈردىكى ئەلا سۈپەتلىك قىسقا ۋىدېئو سىنلار ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەزمۇنلىرىنى ئېلان قىلىپ تارقىتىپ، يوللاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ئۇچۇرلارنى بىر يەرگە يىغىش، نەق مەيداندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە بىر كۇنۇپكا بىلەنلا تارقىتىش دېگەنلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  مەركەز ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ شياڭ، خەلق گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، خەلق تورىنىڭ لىدىرى ۋاڭ يىبياۋ بۇ تورغا چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ما خۇاتېڭ،گېخۇا سىملىق تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گو جاڭپېڭ ۋە مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ بىر قىسىم ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

  ئۇندىن باشقا، خەلق تورى يەنە خەلق گېزىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇر جامائەت سۇپىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، "ئىككى يىغىن ئەھۋالىنى ۋىدېئو سىنلار ئارقىلىق خەۋەر قىلىش"قا ئاتاپ تەسىس قىلىنغان «ئىككى يىغىن داۋاملاشماقتا»دېگەن سەھىپىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 100دىن ئارتۇق پارتىيە تاراتقۇلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىش بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ۋە ئىككى يىغىن خەۋەرلىرىنى تارقىتىش ماترىتساسىنى ئورتاق قۇرۇشقا چاقىردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر