باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ۋەكىللەر يولى»، «ئەزالار يولى» تۇنجى قېتىم ئېچىلىدۇ

«مىنىستىرلار يولى» داۋاملىق ئېچىلىدۇ

2018.03.03 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدىن ئوقۇشۇمچە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۇنجى قېتىم «ۋەكىللەر يولى» ئېچىپ، ھەر قايسى تەرەپ ۋەكىللىرىنى مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلىدىكەن. بۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تارىخىدا ۋەكىللەرنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت ئۇسۇلىدا بايان قىلىشىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2018-يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «ۋەكىللەر يولى» 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن ئېچىۋېتىلىپ، زىيارەت پائالىيىتى 40 مىنۇت داۋاملىشىدىكەن. زىيارەت قىلىش يولى خەلق سارىيى مەركىزىي چوڭ زالىنىڭ مەركەزلىك زىيارەت قىلىش رايونىغا تەسىس قىلىنىدىكەن. بۇ يىللىق ۋەكىللەر يولى بىر قانچە مەيدانغا بۆلۈنۈدىكەن، ھەر بىر مەيدان پائالىيەتكە مەملىكەتنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن 10 نەچچەيلەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىدىكەن. ۋەكىللەر يولىدا ماڭىدىغان ۋەكىللەر تاراتقۇلار ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆرسەتكەن ۋەكىللەر ئىچىدىن تاللىنىدىكەن، ھەم قىزىق نۇقتىلىق تېمىلارغا زىچ باغلىنىدىكەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلىدىغان ۋەكىللەر ھەر قايسى قاتلاملارنى قاپلايدىكەن.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەرە تۇنجى مەيدان «ئەزالار يولى» خەلق سارىيىنىڭ مەركىزىي چوڭ زالىدا ئېچىلىدۇ. بۇ يىللىق سىياسىي كېڭەش يىغىنى «ئەزالار يولى»نىڭ باش تېمىسى «يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى» بولۇپ، ئەزالار پەن-تېخنىكا، ئېكولوگىيە، مائارىپ، جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى، ئىجادىيەت تەرەققىياتى، ئەمەلىي ئىقتىساد قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ نەق مەيداندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.ئۈچ مەيدان «ئەزالار يولى» 3-مارت، 10-مارت ۋە 15-مارت ئېچىلىدۇ، ھەر بىر مەيدان پائالىيەت تەخمىنەن 40 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى يىغىن خەۋەر مەركىزىدىن ئۇقۇشىمچە، 2018-يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغان گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «مىنىستىرلار يولى»غا بېرىپ، نوپۇزلۇق ئۇچۇر ئېلان قىلىش، سىياسەت-تەدبىرلەرنى چۈشەندۈرۈش، قىزىق نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە داۋاملىق تەكلىپ قىلىنىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ «مىنىستىرلار يولى» 3-مارت چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېچىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر