خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 1-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش جوۋ ئېنلەي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئايدىڭلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش غايەت زور كېمىسى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. يولداش جوۋ ئېنلەي ياشلىق دەۋرىدە: «ئارزۇيۇم ـــ جۇڭخۇانىڭ دۇنيادا تېز قەد كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈش» دېگەن سۆزنى يېزىپ قالدۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە، بىز يولداش جوۋ ئېنلەي قاتارلىق بىر ئەۋلاد پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارغا: يېقىنقى زاماندىن بۇيان، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، دەپ جاۋاب بېرەلەيمىز. يولداش جوۋ ئېنلەي ھايات ۋاقتىدا ئىنتايىن ئارزۇ قىلغان جۇڭگونى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېقىن كەلگۈسىدە تامامەن يەتكىلى بولىدۇ.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: جوۋ ئېنلەي دېگەن بۇ ئىسىم شەرەپلىك ھەم ئۆچمەس ئىسىم. بىز ھەر قېتىم بۇ ئىسىمنى تىلغا ئالغاندا ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلىمىز، تولىمۇ پەخىرلىنىمىز. يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىزدىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شانلىق ھاياتىدا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى، نامايان قىلغان يۈكسەك خىسلىتى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ھەققانىيەت، ئادالەت ئىزدەيدىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى