باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە ئېچىلىدۇ

2018.03.03 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2000دىن ئارتۇق ئەزاسى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقىدۇ.مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يۈ جىڭشىڭنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ؛ مەركەزدىكى نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ئېچىلىش مۇراسىمى ھەققىدە نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىدۇ.

  3- مارت چۈشتىن كېيىن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يىغىن ئېچىپ، ئۆمەك باشلىقلىرى ۋە مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىرىنى سايلايدۇ، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپنىڭ ئىسىملىك لايىھەسىگە قاراپ چىقىدۇ؛ يىغىننىڭ كۈنتەرتىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر