باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ۋە دېموكراتىك كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە–گۇرۇھسىز زاتلار ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈلدى، ئۇلاردىن پىكىر ئېلىندى

شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

2018.03.02 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 6-فېۋرال ۋە 28-فېۋرال ئايرىم-ئايرىم ھالدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ۋە دېموكراتىك كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»، «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا كۆرسىتىلمەكچى بولغان دۆلەت ئاپپاراتلىرى رەھبەرلىرى نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا كۆرسىتىلمەكچى بولغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈردى ۋە ئۇلاردىن پىكىر ئالدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسى ـــ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تىرىكى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئۈستقۇرۇلمىغا تەۋە، چوقۇم ئىقتىسادىي بازىسىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشى كېرەك. ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشتا ئۈستقۇرۇلمىنى يېڭى تەلەپكە ئۈزلۈكسىز ماسلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىش كېرەك. بۇ، ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاددىي قانۇنىيىتى. ئاپپارات ئىسلاھاتى بىر جەريان، ئۇنى بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى ھەم بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا بىر باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر