باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ تېز سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا كەلدى

2018.03.02 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىدىغان 27 ۋەكىل ۋە ئەزا 1-مارت سەھەردە شېنجىندىن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بىلەن بەش ئۆلكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. بۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ يۇقۇرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا يىغىنغا كېلىشى.

  سەھەردە سائەت 6 دە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندىن كەلگەن 27 ۋەكىل ۋە ئەزا كوللېكتىپ ھالدا شېنجېن فۇتيەن بېكىتىگە كېلىپ، G72 يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزىغا چىقتى. بۇ نۆۋەتچى پويىز بولسا، جۇڭگونىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە CRH380B تىپلىق «ئىناقلىق» ناملىق ئوق پويىزى بولۇپ، ئۇ گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، خۇبېي، خېنەن، خېبېيدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرقى بېكەت بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، پۈتۈن مۇساپىسى 2408 كىلومېتىر.

  بۇ قېتىم كوللېكتىپ تېز سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىشنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ تىڭسۇڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى لۇڭ زىمىڭ، جاڭ شۆشيۇ، ليۇ يۈلياڭ، گۇڭ جۈنلۇڭ ۋە شيې جۈنمىڭ تەشەببۇس قىلغان. ۋەكىل ۋاڭ تىڭسۇڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ ئىككى يىغىنغا بېرىش راھەت ھەم تېزلا بولۇپ قالماستىن، يەنە تېخى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۈرۈشتىكى تەجرىبىگە ئىگە بولالايدۇ.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن باشقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا يەنە پات-پات يىغىلىپ بىللە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا ئوتتۇرىغا قويۇدىغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشتى، شياڭگاڭنىڭ ۋەتىنىمىزنى ئارقا تىرەك قىلىپ، دۇنياغا يۈزلىنىدىغان گۈزەل تەرەققىيات ئىستىقبالىنى مۇھاكىمە قىلدى. پويىز بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ، جىددىي خىزمەتكە چۈشۈپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر