باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېن جىلەن: خەلق ۋەكىلى خەلققە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك

2018.03.02 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى، شېن جىلەن بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يېزىغا بېرىپ كىشىلەرگە ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

  (ماتېرىيال سۈرەت)

  


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىراقتىن مۇخبىرنى كۆرگەن شېن جىلەن يېنىدىكى يۆلەپ تۇرغان كىشىنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئىككى قولىنى كەڭ يايغىنىچە مۇخبىرغا قاراپ كەلدى. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ مۇخبىردىن «مۇزلىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى ھەم يانچۇقىنى ئاختۇرغاچ «تاماكا چېكەمسىز؟ مەن سىزگە مەخسۇس تاماكا ئالدىم»، دېدى. قىشنىڭ سوغۇقىدا بۇ ياشانغان كىشىنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ، مۇخبىرنىڭ يۈرىكى ئىللىپ قالدى.

  شېن جىلەن بۇ يىل 89 ياشقا كىردى. ئاپتاپتا ئۇنىڭ يۈزىدىكى ھەر بىر تال قورۇقى ئېنىق كۆرۈنۈپ، يىللارنىڭ سالغان ئىزنالىرى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدىكى تام پۈتۈنلەي رەسىملەر بىلەن تولغان بولۇپ، بەزىلىرى شەخسنىڭ رەسىمى، بەزىلىرى كوللېكتىپ رەسىم ئىدى. بىكار بولۇپ قالغاندا، ئۇ ھەر دائىم رەسىملەرنىڭ ئۈستىگە قونغان توپا-چاڭلارنى سۈرتەتتى، رەسىملىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆمۈر كارتىنىسى قايتىدىن كۆز ئالدىدىن ئۆتكەندەك بولاتتى.

  ئۇ «قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان» ئادەم. دائىم ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ سىرتلارغا بىللە چىقىدىغان جاڭ جۈەن مۇنداق دېدى: «بىز سىرتتا مېھمانخانىغا چۈشكەندە، ئۇ بالدۇر تۇرۇپ ئورۇنىنى يىغاتتى، يۈك- تاقلىرىنى رەتلىك قوياتتى، مەن ئۇنىڭغا مۇلازىملار كېلىپ يىغىشتۇرۇپ بېرىدۇ، دېسەممۇ، ئۇ، ئۇلارنى ئاۋارە قىلمايلى، دەيتتى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، بىز ھازىر ياتاققا چۈشسەك ئورۇنلىرىمىزنى ئۆزىمىز يىغىپ، ياتاقنى رەتلىك يىغىشتۇرۇپ قويىمىز.»

  ئۇ «قائىدىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان» ئادەم. بىر قېتىم بىر داڭلىق رېژىسسور ئۇنى كۆرگىلى كەلدى، يېزىدىكى ئاشخانىدا تاماق يېگەندە، ئۇلار ھورنان بۇيرۇتتى، ئەسلىدە بۇ ھورنان تۇزلۇق بولۇپ قاپتۇ. رېژىسسور بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى، دەپ نارازى بولدى ۋە شېن جىلەننى يېيەلمەيدۇ دەپ ئويلىدى. لېكىن شېن جىلەن ئىشتىھا بىلەن ھورنان يېمەكتە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بىر دېھقان، مېنىڭ ئۇنداق يۇقىرى تەلىپىم يوق.

  قىزغىن، ئاددى-ساددا بولۇشتىن باشقا، شېن جىلەننىڭ مىجەزىدە يەنە يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان بىر غەيرەت بار. بۇ ياشانغان كىشىنىڭ تېنى ساغلام، پۇت-قولى چاققان ئىدى، لېكىن ئۇزاق يول ماڭالمايتتى. نەچچە يىل بۇرۇن، قوشنا كەنتتە ئوت ئاپىتى بولدى، شېن جىلەن تاغقا چىقىپ ئوت ئەھۋالىنى كۆرىمەن دەپ يىقىلىپ چۈشتى. نەچچە ئاي داۋالانغاندىن كېيىن، كەنتتە ئۇنىڭ سىماسى يەنە پەيدا بولدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى 100 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى بۇ جايغا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز بولمىغان كىشىلەر مېنى كۆرگىلى كېلىدۇ». ھەر كۈنى نۇرغۇن كىشى بىلەن كۆرۈشسە، نورمال كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چارچاش ھېس قىلىدۇ، لېكىن شېن جىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى بىلەن زىيارەت قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋالىدۇ. ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەيدىغان بۇ ياشانغان كىشى مۇخبىرنى قول قايرىپ بەسلىشىشكە تەكلىپ قىلدى. «سىلەر مېنى چوقۇم قېرىدى، كۈچى يوق دەپ ئويلايسىلەر، قېنى مەن بىلەن بەسلىشىپ بېقىڭلار». مۇخبىر پۈتۈن كۈچىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىپ قېلىشقا قۇربى يەتتى، شېن جىلەن قاقاھلاپ كۈلگىنىچە مۇنداق دېدى: «ئەينى يىللاردا مەن كەنتتىكىلەرنى باشلاپ ئېتىزدا ئىشلىگىنىمدە، كەنتتىكى ئەرلەر بىلەن كۈچ سىنىشىشتا بەسلىشەتتىم، ئۇ ۋاقىتتىمۇ مەن ئالدىراپ ئۇتتۇرۇپ قويمايتتىم.»

  1952-يىلى، شېن جىلەن يېزا كوپىراتىپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ۋاقتىدا، يېزىدا ئەر-ئاياللار يېزا ئەمگىكىگە قاتنىشاتتى، ئۇ ۋاقىتلاردا ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئېرىشىدىغان نومۇرى «بەش نومۇر» ئىدى، مەيلى قانچىلىك ئىشلىسۇن، يەنىلا بەش نومۇرغا ئېرىشەتتى، ئەكسىچە ئەر ئەمگەك كۈچلىرى 10 نومۇر ئالاتتى. ئەرلەرنىڭ قىلىدىغان ساپان تارتىش، قىغ چىقىرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى شېن جىلەن قىلالايتتى، بەلكى تېخىمۇ ياخشى قىلاتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  1981-يىلى 9-ئاي، شېن جىلەن شىگو كەنتىنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر