باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى تاپشۇرۇۋالغان 29 مىڭ 378 تەكلىپنىڭ %99 تى بېجىرىلدى ۋە جاۋاب قايتۇرۇلدى

2018.03.04 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپ بېرىش __ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى، تەدبىر بەلگىلەشنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش، ئىلمىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلار ج ك پ 18-قۇرۇلتىيى، 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى. بەش يىلدىن بۇيان، 29 مىڭ 378 تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىنىپ، 23 مىڭ 975 ى تەكشۈرۈلۈپ رەسمىي تەكلىپ قىلىپ سۇنۇلدى.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋەن گاڭ 3-مارت چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا 12-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى بېجىرگۈچى ئورۇنلار چوڭقۇر كېڭىشىپ، تەكلىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2018-يىلى 20-فېۋرالغىچە، %99 تەكلىپنى بېجىردى ۋە جاۋاب قايتۇردى. كۆپ ساندىكى پىكىر-تەكلىپلەر قوبۇل قىلىندى ياكى تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە.

  2017-يىللىق تەكلىپ بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا ۋەن گاڭ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلار «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى، رەھمىي تەكلىپ قىلىپ سۇنۇلغان 4215 تەكلىپ ئاساسىي جەھەتتىن بېجىرىلدى ۋە جاۋاب قايتۇرۇلدى، 41 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەكلىپنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ پۈتۈنلەي تاماملاندى، ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، تەكلىپ خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر