باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى بىزنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى

2018.03.04 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەمىمىي تاپشۇرۇق، قىزغىن ئۈمىد. 2017-يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي، لياۋنىڭ، سىچۈەن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا، ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان ۋە مۇھىم سۆز قىلغانىدى. باش شۇجىنىڭ سۆزى ۋەكىل، ئەزالارنى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى؛ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى، كەڭ كادىر، ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئالاقىدار ئۆلكە ۋە ساھەلەردە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  شاڭخەي شەھىرى باش شۇجىنىڭ «ئالاھىدە چوڭ شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى يولى ئېچىش، شاڭخەينىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە» دېگەن سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىكىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى. باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان «تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت «ئۈچنى ئىلگىرى سۈرۈش» لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا ئېنىق نىشان كۆرسىتىپ بەردى. «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئارقىغا بارغانسېرى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك» 2017-يىلى سىچۈەن ئۆلكىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆلكە بويىچە 1 مىليون 85 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. «ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك»، ئۆتكەن بىر يىلدا «ئالەم كۆزى»دىن «ۋۇكۇڭ»غىچە، چوڭقۇر دېڭىزدا ئادەملىك مەشغۇلات قىلىشتىن يەتتە تىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىغىچە ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىچكىرىلەپ ئىلگىرى سۈرۈلدى. باش شۇجى ئېلىمىزدىكى زىيالىيلارنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈلگىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى، نۇرغۇن زىيالىيلار ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يادرولۇق قىممەت قارىشىنى نامايان قىلدى.

  تاغ-دەريالار باھار مەنزىرىسىگە پۈركۈنۈپ، باھار شامىلى گۈل-گىياھلارنىڭ خۇش ھىدلىرىنى ئېلىپ كەلدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق چوقۇم يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىگۈسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر