باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن C919 تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2017.05.08 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ ئايروپىلان زور تۈرلەرگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەم C919 چوڭ يولوچىلار ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا ۋە تۇنجى سىناق ئۇچۇرۇش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان ھەر قايسى ئورۇنلار ۋە بارلىق يولداشلارغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىىسدا مۇنداق دېيىلدى: C919 چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇلۇش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چوڭ يولۇچىلارئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا ۋە سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇشقا قاتناشقان ھەر قايسى ئورۇنلار ۋە خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ۋە سەمىمىي ھال سورايمىز.

  C919 تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئېلىمىز خەلقئارا ھاۋا قاتنىشى ئۆلچىمىگە ئاساسەن تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى 150 كىشىلىك غول لىىنيە يولۇچىلار ئايروپىلانى، بۇ ئايروپىلاننىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئېلىمىزنىڭ چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى تۈرىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە سانائىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى. بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجە، بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى نامايان قىلدى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە كۈچلۈك ياسىمىچىلىق دۆلىتى قۇرۇش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر