باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىپ دىياگنوز قويۇشتىن بىرلىكتە دوختۇرخانا قۇرۇشقا قەدەر

«بىر بەلباغ، بىر يول» داۋالاش ھەمكارلىقىدا ئاز بولمىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2017.05.05 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قىرغىزىستان ئوش ئوبلاستى دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىدا قۇرۇلغان جۇڭگو-قىرغىزىستان دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى يېقىندا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن تېببىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن مۇھىم نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، يېڭى بىر ئەۋلاد چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ چىقىلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدا چېگرا ھالقىغان «بۇلۇت دوختۇرخانا» توپى قۇرۇلۇپ، شۇ ئارقىلىق دورىگەرلىك، سەھىيە ساھەسىدىكى تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئۆزئارا تونۇش، چۈشىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ داۋالاش جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر