باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«4- ماي» ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2017.05.05 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) «4-ماي» ياشلار ھەرىكىتىنىڭ 98 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاۋات ناھىيەسىدە كىلاسسىك ئەسەرلەر بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇسابىقە جەريانىدا، ماھىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى نامايان قىلىپ، مۇسابىقە كۆرگۈچىلەر ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. مۇسابىقە ئاخىرىدا 1-،2-، 3-دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلار تاللاپ چىقىلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئارقىلىق ئېلىمىز كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ سېھرىي كۈچى، ئېستېتىك ئالاھىدىلىكى تولۇق نامايان قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەرگە بولغان قىزىقىشى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى زۇلپىقار ئوسمان مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. مەنمۇ نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگىلىۋالدىم. ئېلىمىزنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى ئىنتايىن سەر خىل بولۇپ، كىشىگە يۇقىرى بەدىئىي زوق بېرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر