باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«قار بۈركۈتى» چارلاش ئەترىتى

2017.05.05 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋەر قىلىدۇ) ئۆز يۇرتىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئونسۇ ناھىيەسى بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى قورغان كەنتىدىكى «قار بۈركۈتى» چارلاش ئەترىتىدىكىلەر يىلبويى دېگۈدەك ئادەمسىز رايوندا چارلاش ئېلىپ بارىدۇ. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىر ئونسۇ ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ 150 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، چارلاش ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ باردى.

  ئۇچىسىغا دالا كىيىمى كىيگەن چارلىغۇچىلار ئاتقا مىنىپ، تاغلىق يولدا ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەۋاتاتتى. يولنىڭ بىر تەرىپى دەريا ئېقىنى، يەنە بىر تەرىپى تىك قىيا بولۇپ، يولدا تاغدىن غۇلاپ چۈشكەن تاشلار بار ئىدى. ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ يىراققا قارىغاندا، كەلكۈن ئىزىدىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى.

  يولدا خېلى ماڭغاندىن كېيىن، تاغ ئېتىكىدە بىر قوتان كۆرۈندى. چارلاش ئەترىتىدىكىلەر ئاتتىن چۈشۈپ، قوتاننى تەكشۈردى ھەمدە باشقىچە ئەھۋال بايقىمىغاندىن كېيىن يەنە ئاتقا مىنىپ ماڭدى. ئەترەت باشلىقى غەيرەت تۇردى بىر تەرەپتىن ئەتراپنى كۆزەتكەچ، بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا بوش قالغان ئۆي ۋە قوتان، تاشلاندۇق كان قۇدۇقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىن ئەتراپتا ئادەملەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىزىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارايمىز. ئوت قالىغان ياكى تاشلاندۇق نەرسىلەرنى بايقىساق، دەرھال چېگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلىمىز.

  چارلاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى مۇھەببەت موللامەت مۇنداق دېدى: تاغلىق رايوندا چارلاش ئېلىپ بارغاندا، ھەممىدىن بەك ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قورقىمىز. بۇلتۇر 10-ئايدا، ئادەمسىز رايوندا ئىككى كۈن چارلاش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانىدۇق. ئەمما، بەش كۈندە قايتىپ كېلەلىدۇق. چارلاش جەريانىدا دەريادىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، كىيىملىرىمىز ھۆل بولۇپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا، تاغلىق رايوننىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالدى. شۇڭلاشقا، كىيىملىرىمىزنى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇشقا توغرا كەلدى.

  قورغان كەنتى چارۋىچىلىق كەنتى بولۇپ، ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 140 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربكە قاراپ 60 كىلومېتىر ماڭسىلا، قىرغىزىستان چېگراسىغا بېرىپ قالىدۇ. قورغان كەنتىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئادەمسىز رايون بولۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 2015-يىلى 10-ئايدا، قورغان كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن «قار بۈركۈتى» چارلاش ئەترىتى قۇرۇلدى.

  ئەترەت باشلىقى غەيرەت تۇردى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ قوغداۋاتقىنىمىز يۇرتىمىز، ماكانىمىز. بىز مۇشۇنداق جاپا تارتمىساق، يامان نىيەتلىك كىشىلەر كەنتىمىزگە كىرىۋالسا، بەك خەتەرلىك بولىدۇ. بىز ئاز جاپا تارتساقمۇ، كەنتىمىزنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىيالىغانلىقىمىزدىن خۇشال بولىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر