باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە

ۋارىسجان خۇدابەردى

2017.05.05 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇمۇز ئايلىرى ئىدى. 26 ياشقا كىرگەن، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك ساۋاقلىرىنى تېخى بېشىمدىن ئۆتكۈزمىگەن ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، شۇ كۈنى يۈز بەرگەن كىچىككىنە بىر ئىش ھازىرغىچە ئىسىمدىن پەقەتلا چىقمايدۇ. بۇ چاغدا مەن ئىنساننىڭ ناھايىتى ئاجىز، يالغۇزلۇق، چارىسىزلىكنىڭ تولىمۇ ئازابلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىللە، ئىنسانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك كۆيۈنۈش، مېھىر-مۇھەببەت، دوستلۇق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىشنىڭ، ئىتتىپاقلىقنىڭ ھەقىقىي ئالىيجانابلىقنى يىتىلدۈردىغانلىقىنى، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ ئىناق ئۆتكەندە، دۇنيانىڭ ھەقىقەتەن گۈزەللىكىنى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ خۇددى ئۆز ئانىلىرىمىزغا ئوخشاش كۆيۈمچان، ئىللىق كۆرۈنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەنمىز.

  بۇ يەردە مىنىڭ بايان قىلىدىغىنىم، شەھەردە ئولتۇرۇشلۇق خەنزۇ دوستۇم خەن شياۋنۇڭ بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىمدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان، مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدىغان كىچىك بىر ھېكايە. خەن شاۋنۇڭ ئەر، خەنزۇ، 40 ياشلاردا بولۇپ، مەندىن ياش جەھەتتە ئازراق چوڭ بولسىمۇ، مېنى ھەرگىز كىچىك كۆرمەيتتى. مەنمۇ ئۇنى باشقىلارنىڭ چاقىرىش ئادىتى بۇيىچە شياۋخەن دەپ چاقىراتتىم. ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ئۇچۇق-يورۇق، خۇشچاقچاق بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن دوستلىشىشقا ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئامراق، سودا-تىجارەت قىلغاندىن باشقا قوشۇمچە ئۆي بېزەكچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئائىلىسى شەھەردە بولۇپ، ئايالى ۋە ئىككى ئوغلى بار، ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلەتتى. كەسىپكە ماھىر، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىدىن زوق ئېلىشقا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ۋە ئۇيغۇرچە ناخشا، مۇزىكىلارغا ناھايىتى ئامراق ئىدى. ئاكا-ئۇكىلاردەك يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقىنىمىزغا قىل سىغمايدىغان ھالەت شەكىللىنەرلىك دېسەم ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. چوڭ-كىچىك ھېيت-بايرام، توي-تۆكۈن، چاغان قاتارلىق چوڭ-كىچىك مۇراسىملارنى ئاساسەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ھەرگىزمۇ شەخسىي مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلمىغانلىقىنى ھەر ئىككىمىزنىڭ تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان ئىسسىق قېنىمىز بىلەن رىتىملىق سوقۇۋاتقان قەلب تارىمىز ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. مەن بۇ دوستۇم بىلەن 2010-يىلى ئۇنىڭ ئۆي بېزەكچىلىك ئۇيغۇر شاگىرتى، بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاكا دېمەت ئاغىنەمنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئۆينى بېزىتىشكە تەكلىپ قىلغان ۋاقىتتا تونۇشقان ھەمدە شۇ ئارقىلىق يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ كەلگەن ئىدىم. مەن بولسام يېزىدا ئولتۇرىمەن، كەسپىم دېھقان. ئەمدى مەقسىتىمگە كەلسەم 2012-يىلى 6-ئايدا چوڭ يۈك ماشىنىسى ھەيدەيدىغان ئاغىنەم ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ خوتەنگە يۈك ئېلىپ ماڭغانلىقىنى، بۇ قېتىم بىرگە بارىدىغان شوپۇرنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ يالغۇز قالغانلىقىنى، يول ئۇزۇن، مۈشكۈل بولغاچقا مېنى ئۆزىگە ياردەم قىلىپ ھەمراھ بولۇپ بىللە بېرىشىپ بېرىشىمنى ئېيتقان بولغاچقا، ئاغىنەمگە ياردەملىشىش ئۈچۈن ئائىلەمدىكىلەرگە ئېيتىپ قۇيۇپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاغىنەم بىلەن خوتەنگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ئاغىنەم يېڭى شوپۇر بولغاچقىمىكىن ياكى شۇنداق كۈتۈلمىگەن ئىش بىزنى كۈتۈپ تۇرغانمۇ بىلمىدىم يولغا چىقىپ ئالاھازەل ئۈچ سائەت ئەتراپىدا يول يۈرۈپ، تۇيۇقسىز ئېغىر يۈك بېسىلغان ماشىنا قاتتىق چىققان بىر ئاۋاز بىلەن يانتۇ ھالەتكە كېلىپ ئۆرۈلۈپ كېتىشكە تاس قالدى، ئاغىنەممۇ جىددىيلىشىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي، ماشىنىنى تورمۇز قىلىپ توختاتتى. پەسكە چۈشۈپ قارىساق ماشىنىنىڭ بىر چاقى ئېتىلىپ كەتكەن، ماشىنا يانتۇ ھالەتكە كېلىپ قالغان بولۇپ، يېقىن ئارىلىقتا يا بىر بازار ياكى بىر مەھەللە ياكى بىر رېمونتخانا يوق ئىدى. بىز بۇ قاقاس يول بۇيىدا قانداق قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالدۇق. چۈنكى بۇ ئەھۋالنى ئوڭشاش ئۈچۈن كەسپىي تېخنىكا خادىمى ۋە رېمونت قىلىش ئۈسكۈنىسىگە ئېھتىياجلىق ئىدۇق. ئۇزۇن سەپەرگە چىقىپ سەپەر جەريانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئادەمزات يوق قاقاسلىقتا نېمە قىلارىنى بىلمەي ئامالسىز قالغاندا، ئادەم ئۆزىدە بىر خىل ئازابلىق پىسخىكىسىدا بولۇپ، شۇنچىلىك جاپا-مۇشەققەتلىك ھېس قىلىدىكەنكى ئىككىنچى يىراق سەپەرگە چىقماسلىققا نىيەت باغلايدىكەن. ئۆزىنىڭ ئاجىز، بىچارە ئىكەنلىكىنى شۇنداق چاغدا ھېس قىلىدىكەن. بۇ خىل ھېسسىيات سەپەرگە چىقىپ تۇنجى بېشىمغا كەلگەن بولغاچقىمىكىن، شۇنداق بىچارىلەرچە ماشىنىغا قاراپ خۇددى غايىبتىن بىراۋ كېلىپ ياردەم قىلىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويىدىغاندەك، ئۈن-تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتىم. ئاغىنەممۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي كىملەردىدۇر بىر نەچچە ئادەم بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ياردەم تەلەپ قىلىپ ئالاقىلىشىپ بېقىپ، جاۋابسىز قالدى بولغاي روھى چۈشۈپ، بىر چەتتە قاراپ ئولتۇراتتى. ئارىدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتتى. بۇ شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 10:30 بولغان ۋاقىت بولۇپ، ھاۋارايى ئۆزگىرىپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ بىر ئاز ئۈزۈمنى تۇتۇۋېلىپ، تېلېفونۇمنى قۇلۇمغا ئالدىم.....-

  شياۋخەن ئاكا، تىنچلىقمۇ؟ مەن بىر ئاز قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالدىم. ـ

  ـ قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىڭ، قانداق ياردەم كېرەك؟

  ـ ئالار-خوتەن تىز سۈرئەتلىك قۇملۇق يولىدا ئاغىنەم بىلەن يۈك ماشىنىسىدا كېتىۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىز چاق ئېتىلىپ كېتىپ يولدا توختاپ قېلىپ، يولىمىزنى داۋام قىلالمىدۇق ھەمدە يامغۇر يېغىۋاتىدۇ. باشقا ئامال قىلالماي سىزگە تېلېفون قىلىشىم، ماڭا ياردەم قىلىپ رېمونتچى ئېلىپ كەلسىڭىز بۇلاتتى، ياخشىلىقىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.

  شياۋخەن باشقا گەپ سورىمىدى.

  - مۇساجان، بولدى ياخشىلىق-پاخشىلىق دېگەنلىرىڭنى قوي، مەن ھازىرلا رېمونتچى ۋە رېمونت سايمانلىرىنى ئېلىپ ھازىرلا يولغا چىقاي، سەن قانچىلىك مۇساپە ئارىلىقتا توختاپ قالدىڭ، مەن تىزلا يېتىپ بارىمەن. ئاغىنىلەر دېگەن مۇشۇنداق باشقا كۈن چۈشكۈندە ئەسقاتمىسا، لەڭمەن قورۇپ يېگىلى بولاتتىمۇ؟ ئالاردىن خوتەنگە قاراپ يولغا چىقسام سىنى يول ئۈستىدە ئۇچرىتالايمەنمۇ؟

  ھە-

  … مەن شۇنداق دېيىشىمگىلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

  شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ ۋاقتى 1:30ئەتراپىدا شياۋخەن ئۆزىنىڭ سەككىز كىشىلىك (سۇڭخۇاجاڭ) ماشىنىسىدا رېمونتچى ۋە رېمونت ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى. ماشىنىنىمۇ بىر نەچچە سائەت ئەتراپىدا رېمونتلاپ بۇلدۇق. تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، شياۋخەن قايتماقچى بولدى. مەن شياۋخەننى بىز بىلەن ئالدىمىز تەرەپتىكى بازارغا بىرگە بېرىشىنى، رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ياخشىراق مېھمان قىلىۋېلىشىمنى ئېيتتىم، بۇ ۋاقىتتا ئۇ بولدى، بۇ قانچىلىك ئىشتى، سەنمۇ يولغا چىققىن، مېنىڭمۇ قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىم بار، سەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن مېھمان بولۇشساقمۇ بولىدۇ يا سەن مېھمان قىلىسەن، يا مەن مېھمان قىلىمەن، قايسىمىز مېھمان قىلساق ئوخشاش ۋاقتى كەلگەندە ئازراقتىن ئىچىشىپ تازا بىر مۇڭدىشىپ تاماشا قىلمايمىزمۇ؟ ھازىرچە ئالدىراش ئىشلىرىمىزنى تۈگىتىۋالمايمىزمۇ، قانداق دېدىم؟

  نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.

  ئۇلارمۇ ماڭدى. بىزمۇ خوشلىشىپ يولغا چىقتۇق. يولدا ماڭغاچ شۇنداق خىياللارنى سۈرۈپ كەتتىم. توۋا، ئەگەر مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام مەنمۇ شۇنداق ئۇخلىماي ئۇزۇن يول بېسىپ ياردەم قىلا بولغۇيمىتىم. نېمە ئۈچۈن باشقىلارغا تېلېفون قىلماي شياۋخەنگە تېلېفون ئۇرغۇم كېلىپ قالغاندۇ ...

  نېمە دېگەن ئالىيجاناب، نېمە دېگەن كۆڭۈلچەك، نېمە دېگەن دوستانە، بەك تەسىرلەندىم. شۇنداقلا بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ياردىمىگە چوقۇم جاۋاب قايتۇرىمەن، دەپ ئۆز-ئۈزۈمگە ۋەدە بېرىپ دېگەندەك نۇرغۇن خىياللار ئىچىدە قەشقەرگىمۇ كېلىۋالدۇق. مەن بۇ كىچىك بىر ھېكايە ئارقىلىق شياۋخەننى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايمەن. شياۋخەن مىنىڭ دوستۇم بولۇپلا قالماي، مىنىڭ مەنىۋى ئۇستازىم. ئۇ ماڭا ئادىمىيلىكنى، ئىنسانپەرۋەرلىكنى، مېھرىبانلىقنى ئۆگەتتى. پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلغاندىلا، جەمئىيەتنى روناق تاپقۇزغىلى، دۆلەتنى باي، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ، دېگەن ھېكمەتلىك سىياسىتىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بەردى.

  2016- يىلى سېنتەبىر

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر