باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سۇدا ئۆسىدىغان كۆكتاتلار دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

2017.05.05 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، راھىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ) ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكتات تېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 30-ئاپرېل، جىنخۇا شەھىرىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ نېلۇپەر يەر ئاستى غولى ۋە سۇ غولكۆكىنى كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنى سۇدا ئۆسىدىغان كۆكتاتلارنى كۆپلەپ تېرىشقا يېتەكلەپ، كۆكتاتچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئاساس سالدى.

  شۇ كۈنى، مۇخبىرلار توخۇلا يېزىسىنىڭ نېلۇپەر تەجرىبە ئېتىزىدا، ئىشچىلارنىڭ جىنخۇا شەھىرىدىن كەلتۈرۈلگەن يېڭى كۆكتات سورتلىرىنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. جىنخۇا شەھىرىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى دەستىلىك نېلۇپەر، نېلۇپەر يەر ئاستى غولى، سۇ غولكۆكى قاتارلىق ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك يېڭى سورتلارنى كىرگۈزدى ھەمدە بۇلارنى تېرىش ئۈچۈن 150 مو تەجرىبە ئېتىزى ئورۇنلاشتۇردى.

  ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مىڭجى مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز جىنخۇا شەھەرلىك دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئونسۇدىكى خىزمەت پونكىتى ئارقىلىق نېلۇپەر تېرىش تېخنىكىسىنى قوللاندۇق، بۇ يىل پىلان بويىچە 125 دانە ئۇرۇق يېتىشتۈرمەكچى بولۇۋاتىمىز، جىنخۇانىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى يېزا ئىگىلىكىمىزنى كۆپ قوللىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە دېھقانلارنى سۇلۇق ئېتىزغا نېلۇپەر يەر ئاستى غولى ۋە سۇ غولكۆكى قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىشقا باشلىدى ھەمدە يېڭى، ئەلا سورتنى سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇردى. كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سېتىشنى تۇتاشتۇرۇش، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىغا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016 ـيىلى تۇنجى قېتىم كىرگۈزگەن سۇ غولكۆكى، نېلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 1. 5 توننىغا يېتىپ، ھەر مو يەرنىڭ ساپ كىرىمى 5000 يۈەندىن ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا يېڭى يول ئېچىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر