باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ما پېيخۇا تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

%99.84 تەكلىپكە جاۋاب قايتۇرۇلدى

2017.03.04 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەر قايسى ئورۇنلار، ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلار «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال ئەقىل كۆرسىتىپ، 5869 پارچە تەكلىپ تاپشۇردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 4279 پارچە تەكلىپ رويخەتكە ئېلىندى، 1159 پارچە تەكلىپ «تەكلىپ-پىكىر»گە ئۆزگەرتىلدى، 230 پارچە تەكلىپ بىرلەشتۈرۈلدى، 101 تەكلىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە %99.84 تەكلىپكە جاۋاب قايتۇرۇلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما پېيخۇا 3-مارت چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جاۋاب قايتۇرۇلغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ھەل قىلىنغان ياكى قوبۇل قىلىنغانلىرى %17.17نى، ھەل قىلىنماقچى ياكى قوبۇل قىلىنماقچى بولغانلىرى %67.13نى، پايدىلانغانلىرى %15.7نى ئىگىلەيدۇ.

  ما پېيخۇا مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتە 1718 پارچە تەكلىپ بېرىلگەن. سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتە 322 پارچە تەكلىپ بېرىلگەن. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە 460 پارچە تەكلىپ بېرىلگەن. ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش جەھەتتە 1344 پارچە تەكلىپ بېرىلگەن. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە 303 پارچە تەكلىپ بېرىلگەن. يەنە بىر قىسىملىرى «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى ئالاقىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن، ئالاقىدار ئورۇنلار بۇنىڭغا يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، ئەستايىدىل بېجىردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر