باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى توغرىسىدا قانچىلىك بىلىسىز؟

2017.03.04 13:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسى:

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېت ۋە يەرلىك كومىتېت تەسىس قىلغان.

  مەملىكەتلىك كومىتېت:

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى- جۇڭگو كومپارتىيەسى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ھەرقايسى ساھەنىڭ ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىدىكى قېرىنداشلار،ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرى رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋەكىللىرى شۇنداقلا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان زاتلاردىن تەشكىللەنگەن.

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتۈش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ تەسىس قىلىنغان. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەسىس قىلىنغاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە 60يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. ھازىر 12-نۆۋەتلىكى ، رەئىسى- يۈ جېڭشېڭ

  مەملىكەتلىك كومىتېتىدا تەسىس قىلىنغان دائىمىي كومىتېت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. دائىمىي كومىتېت- مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭ نامزاتلىرى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئارىسىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلارنى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى كېڭىشىپ كۆرسىتىدۇ، ئۇلار مەملىكەتلىك كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سايلاپ چىقىلىدۇ. مەملىكەتلىك كومىتېتنىڭ رەئىسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ رەئىسنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ. رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپتىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇھىم كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇنداق ھوقۇقى بار :

  1-جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنى چۈشەندۈرۈش، نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛

  2 -جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىش ؛

  3-جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نىزامنامىسىدا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا تەشكىللەش؛

  4- مەملىكەتلىك كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش؛

  5 -مەملىكەتلىك كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى يېپىلغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ياكى گوۋۇيۈەنگە سۇنۇلغان مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛

  6-باش كاتىپنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ؛

  7- جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش؛

  مەملىكەتلىك كومىتېتى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىرقانچە مەخسۇس كومىتېت ۋە باشقا خىزمەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. مەخسۇس كومىتېت- دائىمىي كومىتېت ۋە رەئىسلەر يىغىنىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەزالارنى دائىملىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەيدىغان خىزمەت ئاپپاراتى. ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتنىڭ بىر مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، بىر قانچە ئەزالىرى بولىدۇ.

  يەرلىك كومىتېت:

  جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يەرلىك كومىتېتى- ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلار، ئاپتونوم ئوبلاست، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلىك كومىتېتلار، ناھىيە، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك كومىتېتلاردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك كومىتېتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، رايون تەسىس قىلغان شەھەر، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، رايون تەسىس قىلمىغان شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايون، ئومۇمەن، شارائىتى يار بەرگەن جايلاردا سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى تەسىس قىلىنغان. جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك كومىتېتلار ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى، ۋۇجۇدقا چىقىش چارىسى، ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش قاتارلىقلار سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە بويىچە، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك كومىتېتنىڭ ئۇسۇلى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى:

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى- كېڭىشىش، كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سانى ۋە نامزاتلىرىنى ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېت رەئىسلەر يىغىنى قاراپ چىقىپ، ماقۇللىغاندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېت كېڭىشىپ بەلگىلەيدۇ.

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى-جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى، ھەر ساھەدىكى ۋەكىللىككە ۋە ئىجتىمائىي تەسىرىگە ئىگە، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارى بار شەخسلەر.

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا قويۇلىدىغان ئاساسلىق تەلەپ:

  ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى چۈشىنىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەشكىللىگەن يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش.

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقى:

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دېموكراتىك ھوقۇققا ئىگە، يەنى يىغىنىدا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا، سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە، يىغىننىڭ خىزمەتلىرى ئۈستىدە تەنقىد ۋە تەكلىپ بېرىدۇ؛ شۇ نۆۋەتلىك كومىتېت يىغىنى ۋە تەشكىلى ئارقىلىق، ھەرخىل پىكىرلەرنى تولۇق بايان قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ چوڭ سىياسەت فاڭجېنلىرى ۋە شۇ جاينىڭ چوڭ _ چوڭ ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ؛ دۆلەت ئورگىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ ۋە تەنقىد بېرىدۇ؛ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىدۇ، تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ؛ بايانات ئېلان قىلىپ، سىياسىي كېڭەشتىن چېكىنىش ئەركىنلىكى بولىدۇ؛ ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلگەندە، قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى دېموكراتىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى:

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىدا رىئايە قىلىش ۋە ئۇنى ئادا قىلىش ؛ سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلارغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر