- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جاڭ گاۋلى 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى
2017.03.03 14:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ 24-فېۋرال ئېچىلغان بېيجىڭ شەھەر پىلانى قۇرۇلۇشى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككىنچى ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى يەكۈنلەندى، تەييارلىق خىزمىتى تەلىپى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەرقايسى مۇسابىقە رايونلىرى پىلانى، مەخسۇس پىلانلارنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئومۇمىي پىلان بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پىلاننىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ پىلاندىكى سۈرئەت بىلەن يۇقىرى سۈپەتتە ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇسابىقە تەلىپىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇسابىقىدىن كېيىن پايدىلىنىش، مۇھىت ئاسراش، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، توسالغۇسىز بولۇش قاتارلىق ئامىللارنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، مەيدان سارايلار ۋە ئۇل ئەسلىھەنىڭ ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىلمىي پىلانلاپ، لايىھەلەپ، قالايمىقان بۇزۇپ چاچماي، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تېجەشلىك،پاك ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىش ۋە بازارنى ئېچىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى قىلىپ، جەمئىيەت مەبلىغى ۋە جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، تىرىشىپ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىش، ئىختىساسلىقلار مەدىتى ۋە پەن تېخنىكا مەدىتىنى كۈچەيتىپ، مۇسابىقە كاپالىتى ۋە مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئاممىۋىي قار مۇز تەنھەرىكىتىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ماھارەت، سەۋىيەسىنى تېز ئاشۇرۇپ، قار مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ليۇ يەندوڭ، گو جىنلۇڭلار يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر