باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر كۈچەپ ئىشلەپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش يولىدا تەڭ ئىزدەنمەكتە

2017.03.04 13:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا خەلق قۇرۇلتىيى مۇخبىرلار يىغىنى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئېچىۋېتىش كۈنىدىن مىنىستىرلار يولىدا، سوئال جاۋاب قىلغاندا، ئىقتىسادى تەرەققىيات، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىقلارغىچە قىزىق نۇقتىلار ئۈزۈلمەي ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ فۇ مۇنداق دېدى:ئۆلكىمىز باشلامچىلىق بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا ئۆلكىلەرگە قارىغاندا مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن 2016-يىلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە 276 خىزمەت كۈنى ۋە بەلگىلىمىدىكى بايراملىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلدى. 2016-يىلى ئۆلكە بويىچە كۆلەملەشكەن كۆمۈر مەھسۇلاتى 816 مىليون توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 5پوئىنت ئاشتى، ئازىيىش مىقدارى ئىچكى موڭغۇل، خېنەن، شەنشى، شەندۇڭ، ئەنخۇينىڭ ئازىيىش مىقدارى يىغىندىسىدىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %39.5نى ئىگەللىدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يۈننەن ئۆلكىلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ يۇنبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈننەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەرەققىياتتىكى ئالدىنقى چوڭ ئىش ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قاتلاممۇ قاتلام كۈچەيتتى،بۇنى چىڭ، ئەمەلىي تۇتماسلىق مەسىلىسىگە قىلچە يول قويمىدى، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش غەلىبىسى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خېبېي ئۆلكىلىك مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ نازىرى چېن گويىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خېبېي ئۆلكىسى تۈتەك تۇماننى تىزگىنلەش جەھەتتە ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، تۈتەك تۇماننى تىزگىنلەش ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى باسقۇچ ــ تەرتىپسىز ھالەت، ئىككىنچى باسقۇچ ــ ئادەملەر تىرىشچانلىقى، تەبىئەت ياردىمى، ئۈچىنچى باسقۇچ ــ تامامەن كونترول قىلىش، نۆۋەتتە خېبېي ئىككىنچى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، خېبېي ئادەملەر تىرىشچانلىقىدا داۋاملىق ئالدىدا مېڭىپ، تۈتەك تۇماننى ئىلمىي، ماس قەدەملىك، قاتتىق تۈزەپ، ھاۋا سۈپىتىنى تىرىشىپ ياخشىلايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر