باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل، ئەزالار بىر يىلدىن بۇيان مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى

2017.03.04 13:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يەنە يېتىپ كەلدى. بىر يىلدىن بۇيان، ۋەكىل، ئەزالار ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەشكە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەمەلىي، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياخشى دەۋرنىڭ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى بەي چوڭئېن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر باش شۇجى سىياسىي كېڭەشنىڭ جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى ۋە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پۇختىلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىش، قوللاش، يېتەكلەش زۆرۈر دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. بىر يىلدىن بۇيان، مەن «مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ھەققىدىكى پىكىر»نى تۈزۈش جەريانىدىكى مۇزاكىرىگە قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، مەن بۇ پىكىر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، چوقۇم كارخانىچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شاڭخەي ئېلېكتىرو سۇيۇقلۇق بېسىملىق يەلدە ھەرىكەتلەندۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش تېخنولوگى لى بىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ بىر يىلدا ئۆزگىرىش بەك چوڭ بولدى، بۇلتۇرقى ئىككى يىغىندا، مەن باش شۇجىغا تېخنىكا ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدىم. ئىككى يىغىندىن كېيىن، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشلىدى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئالايىتەن مېنى ئىزدەپ كېلىپ، مېنىڭ تەكلىپلىرىمنى ئىگىلىدى. بۇ يىل 2-ئايدا، «يېڭى دەۋردىكى كەسپىي ئىشچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن ماشىنا ئېلېكتىر زاۋۇتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى ۋاڭ بو مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، مەن ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىدىغانلىقى، شەرقىي شىمالنىڭ گۈللەندۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلىدىم، مەن كۆپچىلىكنىڭ قالتىس غەيرەتكە كېلىپ، قانداق قىلىپ ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلىنىش، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكنى تۈگىتىش، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇنەن ئۆلكىسى جاڭجياجى شەھىرى سىلى ناھىيەسى لوڭتەنخې بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى شياڭ پىڭخۇا مۇنداق دېدى: نەتىجە ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. بۇلتۇر باش شۇجى بىزنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىمىزنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىغا قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاخىرقى چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشنى تەكىتلىگەن ئىدى. بىر يىلدىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىز بازىرىمىزدا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىپ كېتەلەيدىغان ئىمكانىيەتنى ھازىرلىدۇق، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، 32 ئائىلە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كۆردى، ھەممە ئائىلە ئىشىكلىرىگە مەسنەۋى چاپلاپ، چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىڭخەي ئۆلكىسى گۈيدې ناھىيەسى خېيىن بازىرى داشىجيا كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بى شېڭجوڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر مەن باش شۇجىغا داشىجيا كەنتىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى، ئېكولوگىيەنى قوغداش ياخشى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ياخشى ئىشنى دوكلات قىلغان ئىدىم. بىر يىلدىن بۇيان، كەنتىمىزدىكى ئۆزگىرىشنى ھەقىقەتەن خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق دېيىشكە بولىدۇ. بىز سۇ مەنبەسىنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن، ئېغىر بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانىلارنى تاقىدۇق، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ۋە كېرەكسىز سۇلارنى زامانىۋى ئۇسۇلدا مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلدۇق، كۆچەت تىكىپ، ئورمان ئەھيا قىلىشنىمۇ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر