- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى
2017.02.08 16:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى 7-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 31-يانۋارغىچە، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى 2 تىرىليون 998 مىليارد 204 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكىدىن 12 مىليارد 313 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، ئۇدا يەتتە ئاي ئازايغان.
بۇ يىل 1-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى بۇلتۇر 12-ئايدىكىدىن %0.4 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئۇدا نەچچە ئاي بىر ئاز كىچىكلىگەن. 2016-يىلى ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 319 مىليارد 844 مىليون دوللار تۆۋەنلىگەن، زاپاس ساقلاش مىقدارى 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقان، 1-ئايدا ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 12 مىليارد 313 مىليون دوللار تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، مەركىزىي بانكا ئېلان قىلغان ئالتۇن زاپىسى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدا ئىلىمىزنىڭ ئالتۇن زاپىسى يەنىلا 59 مىليون 240 مىڭ ئۇنسىيەنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ 71 مىليارد 292 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر كېلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر