باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلى ھەممە ئۆلكىلەردە دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال تۈردىكى رايون داۋالاش مەركىزى تەسىس قىلىنىدۇ

2017.02.08 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ئەتراپىدىكى «ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى». قانداق قىلغاندا ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدا كېسەل كۆرسىتىش، كېسىلىنى ياخشى داۋالىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2020–يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزدە مەملىكەت مىقياسىدا ئۇنىۋېرسال ۋە ئوخشاش بولمىغان مەخسۇس كەسپىي تۈردىكى تېببىي ئىلىم مەركىزى تەسىس قىلىنىدىكەن ھەمدە ھەر قايسى ئۆلكىلەردە دۆلەتنىڭ بىردىن ئۇنىۋېرسال تۈردىكى رايون داۋالاش مەركىزى تەسىس قىلىنىپ، داۋالاش بىلەن تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىلمىي ۋە تەرتىپلىك داۋالىنىش ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  داۋالاش بايلىقىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغاندا، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ «رادىياتسىيە كۈچى» بار بولىدۇ. «<13 ـ بەش يىل>دا دۆلەت مېدىتسىنا مەركىزى ۋە دۆلەتنىڭ رايون داۋالاش مەركىزىنى تەسىس قىلىش پىلانى»نىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2020–يىلىغا بارغاندا، ھازىر بار بولغان ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىدا، دۆلەت تېببىي ئىلىم مەركىزى ۋە دۆلەتنىڭ رايون داۋالاش مەركىزىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ ۋە تەسىس قىلىپ، رايونلار ئارا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تەقسىملەشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايونلارنىڭ داۋالاش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى بىرىكتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپىتىنىڭ ئوخشاش بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئايرىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر