باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆتكەن يىلى پۈتۈن يىلدىكى ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلەر ئورۇنلىنىپ، 13-بەش يىللىق پىلان ياخشى باشلاندى

2016.12.28 16:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى مياۋ شۈ تۈنۈگۈن ئېچىلغان 2017-يىللىق مەملىكەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى پۈتۈن يىلدىكى ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلەر ئورۇنلىنىپ، 13-بەش يىللىق پىلان ياخشى باشلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ كۆپەيمە قىممىتى %6 ئاشتى؛ كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانا ئورۇنلارنىڭ سانائەت كۆپەيمە قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى تەخمىنەن %5 تۆۋەنلىدى، تېلېگراف كەسپىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، كەسىپ كىرىمى ئايرىم-ئايرىم %53 ۋە %5.1 ئاشتى، ئىنتېرنېت كەسپى كىرىمىنىڭ ئېشىشى %40تىن ئېشىپ كەتتى. كېلەر يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر ئاھالىلىرى 100mps ئوپتىك تالانى ئۇلۇش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، قىسمەن شەھەرلەر 1G دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى كەڭ بەلباغ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، %80تىن يۇقىرى مەمۇرىي كەنت ئوپتىك تالانى كەنتلەرگە يەتكۈزىدۇ؛ ئىنتېرنېت تور ئارىلىقى كەڭ بەلبېغىنىڭ سىغىمچانلىقى1000Gغا يەتكۈزۈلىدۇ، 3 ئىنتېرنېت تايانچ بىۋاسىتە ئالاقە نۇقتىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، بازار رىقابىتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، كۆچمە ئېقىم مىقدارى ئوتتۇرىچە ھەققىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، تېلېگراف ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمىتى سىناق تۈرى يولغا قويۇلىدۇ، 30 مىڭدىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنتنىڭ كەڭ بەلباغ قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىلىپ، كەڭ بەلباغ تورىنىڭ 8 مىڭ نامرات كەنتنى قاپلىشى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر