باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دېلوسىغا چېتىشلىق سومما 10 مىليوندىن ئاشتى

2016.06.01 13:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 31-ماي دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: 2015-يىلى 6-ئايدىن 2016-يىلى 5-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە، تەكشۈرۈلگەن تىجارەت سۇبيېكتى 467 مىڭ ئائىلە قېتىم بولۇپ، قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسى 5579غا، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ قىممىتى 10 مىليون 4000 يۈەنگە يەتكەن.

  2016-يىلى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تارقاتقان « 2016- يىللىق‹ خوڭدۇن سۈپەت ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ھەرىكىتى›نى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا يەنە بىر قېتىم بالىلار بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نۇقتىسىغا كىرگۈزگەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدا يەنە شەھەر-يېزا تۇتاشقان جايلار ۋە يېزىلاردىكى سودا دۇكانلىرى، توپ سېتىش بازىرى، تاللا بازىرى ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ماگىزىنى، بولۇپمۇ ئۇششاق تاۋار بازىرى قاتارلىق ئاساسلىق بالىلار بۇيۇملىرى تىجارەت ئورنى قىلىنغان نۇقتىلىق رايونلاردا بالىلار كىيىم-كېچەك، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى، بالىلار ھارۋىسى، بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تۈر قىلىپ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بالىلار بۇيۇملىرى تىجارەتچىلىرىگە قارىتا ئىچكى جەھەتتىكى سۈپەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مال كىرگۈزۈشتە تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالىلار بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەش لازىملىقى بىلدۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر