باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت كارخانىلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ پاي ئىگىلىشىنى ئىسلاھ قىلىش نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ

ئالدى بىلەن پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى ئىسلاھ قىلىنىدۇ

2016.05.27 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ پاي ئىگىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرمۇ ماھىيەتلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچىغا كىردى. مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى دۆلەت پاي كونتروللىقىدىكى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرىدا خىزمەتچىلەرنىڭ پاي ئىگىلىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ تارقاتتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقلىشىغا سۇندى.

  گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى بىر كىشى مۇنداق دېدى: تۇنجى تۈركۈمدە مەركەز كارخانىلىرى ۋە يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئارىسىدىن بىر قانچە كارخانىلار تاللاپ سىناق قىلىنىدۇ. ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇش ئاساسىدا، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان كارخانىلارنىڭ تىپى، مەبلەغ چىقىرىپ پاي قوشۇش ئۇسۇلى، باھا بېكىتىش مېخانىزمى، ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى، پاي ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى، پاي ئىگىلەش ئۇسۇلى قاتارلىق ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن خىزمەتچىلەرنىڭ پاي ئىگىلىشىدىكى ئۈنۈملۈك ئەندىزە تەتقىق قىلىنىپ، دۆلەت پاي كونتروللىقىدىكى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ پاي ئىگىلىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىنىدۇ، ئالدى بىلەن پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىدا خىزمەتچىلەرنىڭ پاي ئىگىلىشى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ، مەركەزنىڭ 1-دەرىجىلىك كارخانىلىرىدا خىزمەتچىلەرنىڭ پاي ئىگىلىشى ۋاقتىنچە نۇقتىدا سىناق قىلىنمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر