باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەقدىرلىنىدىغان مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئوبيېكتلىرى ئېلان قىلىندى

2016.05.27 13:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى. مەركەز بىر تۈركۈم مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەشنى قارار قىلدى. مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم ۋە مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى (سىستېما) پارتكوملىرى (پارتگۇرۇپپا)لىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىش، يۇقىرى-تۆۋەننى ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قايتا-قايتا كېڭىشىش، ئارتۇق نامزات تاللاش ئارقىلىق، تەقدىرلەش ئوبيېكتلىرىنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ ئاساستا، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى تەقدىرلەش ئوبيېكتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى.

  دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، نازارەتنى كەڭ قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن، تەقدىرلىنىدىغان مەملىكەتلىك 100 مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، 100 مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى، 300 مەملىكەتلىك ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئوبيېكتلىرى ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىش ۋاقتى: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت نۆلدىن، 5-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 24كىچە. بۇ ئارىلىقتا ئەگەر تەقدىرلەش ئوبيېكتلىرىغا باشقىچە پىكىر بولسا، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ پاش قىلىش مەركىزىگە ئىنكاس قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەھۋالنى تەكشۈرۈش ۋە ئىنكاس قىلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىنكاس قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى ۋە خىزمەت ئورنىنى ئېيتىشى ياكى يېزىپ قويۇشى لازىم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر