باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئالماشتۇرۇش قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىلىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قەرز ئېلىشقا كېپىل بولغانلار قاتتىق جازالىنىدۇ

−−مالىيە مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت قەرزىگە ئائىت قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى

2016.05.27 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 26-ماي جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت قەرزى كۆپ بولۇشتەك قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىگە جاۋاب بەردى ۋە جۇڭگونىڭ ھازىر ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى، كېيىنكى قەدەمدە تۈزۈملەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: خامچوت قانۇنى ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئالدىنقى باسقۇچتا يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز دائىرىسىنى كونترول قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش، يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىپ ساقلانما قەرزگە ئالماشتۇرۇش، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىش، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى خامچوت باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، قەرز خەۋپىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق مالىيە، پۇل-مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ يوقاتقىلى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك تۈزۈملەرنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئاساسلىقى مۇنداق يەتتە چوڭ تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، يەرلىكنى يەرلىك ھۆكۈمەت زايوم مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان تايانچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش. ئىككىنچى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى، شىركىتىنىڭ بازارلىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى تېزلىتىپ، تىپى ئۆزگەرگەن كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان پائال رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش. ئۈچىنچى، يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت قەرزىنى چەك قويۇپ باشقۇرۇش ۋە خامچوت باشقۇرۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، ھۆكۈمەت قەرز دائىرىسىنى كونترول قىلىش، خامچوت چەكلىمىسىنى چىڭىتىش. تۆتىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز خەۋپىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپنىڭ ئالدى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش. بەشىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەتتىن قەرزنى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ساقلانما قەرزنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش. ئالتىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىپ ساقلانما قەرزگە ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئۆسۈم يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، قەرز خەۋپى يەڭگىللىتىش. يەتتىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قەرز ئېلىشقا كېپىل بولۇش قىلمىشىنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر