باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭغا كىرىش گۇۋاھنامىسىنى توردا بېجىرىشكە بولىدۇ

2016.05.27 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ماي، بېيجىڭ شەھىرى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يولغا قويغان «بېيجىڭ قاتناش ساقچىسى» APP سىنىقى باشلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن شەھەر ئاھالىلىرى «بېيجىڭ قاتناش ساقچىسى» APP ئارقىلىق ۋەقە بىر تەرەپ قىلىش، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ھەققى تاپشۇرۇش، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش، بېيجىڭغا كىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش قاتارلىق قاتناش باشقۇرۇش كەسىپلىرى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  «بېيجىڭ قاتناش ساقچىسى» APP ئارقىلىق بېيجىڭغا كىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىشنى قېلىپلاشتۇرىدىغان بولۇپ، بېيجىڭغا كىرىدىغان شوپۇر 1-4 كۈن بۇرۇن توردا بېيجىڭغا كىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكانېرلاش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا كىرىش ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئېلېكتىرونلۇق بېيجىڭغا كىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈمى بېيجىڭغا كىرىش گۇۋاھنامىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىككى كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولۇپ، شوپۇرلار بېيجىڭغا كىرىش ئىجازەتنامىسىنى يول مۇساپىسىگە ئاساسەن ئۆزلىرى باستۇرۇۋالسا بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر