خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 -ماي، بېيجىڭ پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسى نەقمەيدانىدا تارتىلغان «رېلىسبۇس»نىڭ مودىلى.
19-نۆۋەتلىك جۇڭگو بېيجىڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكا كەسىپلىرى يەرمەنكىسىدە يېڭىدىن نامايان قىلىنغان «رېلىسبۇس» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «رېلىسبۇس» بىر خىل پۈتۈنلەي ئېلېكتىر دېۋىگاتىللىق زور توشۇش مىقتارىغا ئىگە ئاسما تىرامۋاي بولۇپ، ئىككى ماشىنا يولىدىن ھالقىپ تۇرىدۇ، ئاستى-ئۈستى ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، ئۈستى قەۋەتتە يولۇچىلار ئولتۇرىدۇ، ئاستى قەۋەت بوش قالىدۇ، كىچىك ماشىنىلار ئاستى قەۋەتتىن ئەركىن ئۆتەلەيدۇ، «رېلىسبۇس»نىڭ سائەتلىك يۈرۈش سۈرئىتى 40 كېلومېتىر بولۇپ، ھەر قېتىمدا 1200 يولۇچىنى سىغدۇرالايدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى