باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى (2)

2016.05.27 11:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىرتقى تەسىر نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ

  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلىرى خەلقئارا ئىقتىساد ۋە رايون ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››نىڭ ئوتتۇرا شەرقتە پەيدا قىلىۋاتقان مالىمانچىلىقلىرى خەلقئارا نېفىت باھاسىدا زور تەۋرىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ‹‹نۆل نۇقتا ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش›› تور بېكىتى 2016 – يىلى ئون چوڭ ‹‹قارا ئاق قۇ ۋەقەسى›› (كۈتۈلمىگەن، لېكىن ھەممىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەممە ساھەدە مەۋجۇت، ئىقتىسادىي ساھەدە بازارغا زەنجىرسىمان سەلبىي تەسىر، ھەتتا ئاغدۇرۇمىچىلىق پەيدا قىلىدۇ) يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغانىدى. تىزىملىكنىڭ بېشىدا ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››نىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى يېزىلغان بولۇپ، شۇنداق بولسا خەلقئارادا نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا تېررورلۇق ھۇجۇمى خەۋىپى ساياھەت كەسپىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىتىدۇ. بۇلتۇر 11 – ئايدىكى پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە پارىژ مېھمانسارايلىرىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىراقلا %25 ئازىيىپ كەتكەن. 11 – ئاي ۋە 12 – ئايدا پارىژغا كەلگەن خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى %15 ئازىيىپ كەتكەن.

  ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خەۋپسىزلىك جەھەتتە غايەت زور بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش پەيدا قىلغان مۇساپىرلار مەسىلىسىدىمۇ نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، مۇساپىرلارنىڭ سانىمۇ ئېشىشى مۇمكىن. ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر دەل مۇساپىرلار دولقۇنى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان تېررورلۇقتىن ئەڭ ئەندىشە قىلىدۇ. بىرىنچى، ترويا ياغاچ ئېتى ھادىسىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن: مۇساپىرلار دولقۇنىدىكى مۇساپىرلارنىڭ سانى زورايغانسېرى تېررورچىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىشى ھەم ھەممە يەردە قاتىراپ يۈرۈشى مۇمكىن. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇلارنى بىرمۇ بىر ئىلغاپ پەرقلەندۈرۈپ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇلتۇر 11 – ئايدىكى پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسىدىكى قاتىل سۇرىيە مۇساپىرى سالاھىيىتى بىلەن فىرانسىيەگە كىرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› ئىچكى قىسىمدا ھۇجۇم قوزغاشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، ياۋروپادا يەنە ئالاھىدە قىسىمنى مەخپىي مەشىقلەندۈرۈۋېتىپتۇ. ئىككىنچى، جەمئىيەتتىكى چىرىك كەيپىيات شۇ يەردىكى تېررورچىلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىشى مۇمكىن. ياۋروپا ئىتتىپاقىدا مۇسۇلمانلار كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار مەھەللىلىرى، مەسىلەن: بېلگىيەنىڭ مولىنبېك رايونى ئاساسىي جەھەتتىن كونترولسىز ھالەتتە تۇرماقتا. جەمئىيەت قوينىغا ئالمىغانلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، 2 – ياكى 3 – ئەۋلاد مۇساپىرلار رادىكال ئىدىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئاسانلا ئۇچراپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق يولىدا مېڭىپ قالىدۇ. گائاگا خەلقئارا تېررولۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 4200 دىن ئارتۇق پۇقراسى ئىراق، سۇرىيەگە بېرىپ ‹‹غازات››قا قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن بىر قىسمى ياۋروپاغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر خەتەرلىك ئامىل بولۇپ قالغان. مۇساپىرلار سانىنىڭ ئېشىشى بۇ مەسىلىلەرنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈۋېتىدۇ. ئۈچىنچى، مۇساپىرلار دولقۇنى ئوڭ قانات تېررورلۇق ھەرىكىتىنى قوزغىشى مۇمكىن. گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە مۇساپىرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ. چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قاناتلار پارتىيەسى جار سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلار ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى زور دەرىجىدە ئېشىۋاتىدۇ. مۇساپىرلار كىرىزىسى بىلەن تېررورلۇق تەھدىتى بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەچكە، مۇناسىۋەتلىك سىستېمىلارنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە چۈشۈشى مۇمكىن.

  ‹‹خەلق گېزىتى››دىن ئېلىندى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر