باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلار يىغىنى دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى پەسەيتىشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

2016.05.27 11:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلار يىغىنى 23 – ماي تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى كۈن جىددىي مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ مەنبەسىنى تۈگىتىش ۋە دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  يىغىننىڭ ئېچىلىشى ھازىرقى دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مۇساپىسىنى باشلىدى

  تەبىئىي ئاپەت ۋە توقۇنۇشنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيا 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا دۇچ كەلدى. 2015 – يىلى دۇنيا بويىچە 125 مىليون كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى، مۇساپىرلارنىڭ سانى 60 مىليوندىن ئېشىپ، 2000 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسىگە يېقىن كۆپەيدى. لېكىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېھتىياجى كۈندىن – كۈنگە ئېشىش بىلەن بىللە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە كېرەكلىك مەبلەغ، خەلقئارا ياردەم كۆپەيمىدى، خىراجەتنىڭ سىجىل كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن مۇناسىۋەتلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى دەل ۋاقتىدا، يېتەرلىك بولماي قالدى. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ مەبلەغ قىسچىلىقى 20 مىليارد دوللارغا يەتتى.

  بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا، ب د ت باش كاتىپى بان كىمون تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلار يىغىنى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە ئەل ئارا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان بەش تۈرلۈك يادرولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى، ئىشنى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى مەنبەسىنى تۈگىتىش ۋە دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن باشلاپ، دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كىرىزىسىنى پەسەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  بان كىمون دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلار يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىش، ھەر قانداق كىشىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق، تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ھەم مەبلەغ توپلاشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك يادرولۇق مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك مۇئەييەنلەشتۈردى. ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، رايون تەشكىلاتلىرى، ئەل ئارا تەشكىلاتلار، بىرەسمىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ب د ت بىلەن بىرلىكتە ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش سادالىرى جاۋابقا ئېرىشتى. يىغىنغا قاتناشقان 400 دىن ئارتۇق تەرەپ يادرولۇق مەسئۇلىيەتنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدا 1500 تۈرلۈك ۋەدە بەردى. يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ‹‹رەئىس خۇلاسىسى›› مەزكۇر ۋەدىلەرنى يىغىنچاقلىدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى پەسەيتىشكە زۆرۈر سىياسىي ۋەزىيەت ياراتتى.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا قولغا كەلگەن يەنە بىر نەتىجە: يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر ھازىرقى دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۈنۈمىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى مەبلىغىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى تونۇپ يەتتى. 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سىستېمىسى دۇنيانىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولسىمۇ، لېكىن ئۆزگەرمىدى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل چوڭ تىپتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرى ئۈنۈم ۋە مەبلەغدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك ئىشلىرى توسالغۇغا ئۇچرىدى. يىغىن ئېچىلغان مەزگىلدە، كۆپ ساندىكى ۋەكىللەر مەبلەغنى يەرلىكتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تەشكىلاتلىرىغا ئاجرىتىپ بېرىشنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش خىزمىتىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  يىغىن ئېچىلغان مەزگىلدە، ب د ت ئاشكارا بولۇش، مەبلەغ تەستىقلاش تەرتىپىنى قىسقارتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەرىكىتىنىڭ ئارىلىق ھالقىلىرىدىكى چىقىملارنى ئازايتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ‹‹چوڭ ئالماشتۇرۇش›› ناملىق بۇ تەشەببۇس ئىئانە بېرىدىغان 18 دۆلەت بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدىغان 30دىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر تەشەببۇس يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تەشكىلاتلىرىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى دائىملىق چىقىمىنى 1 مىليارد دوللار قىسقارتىدىكەن.

  ئاساسلىق چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنغا قاتناشمىغانلىقى ئىجرا قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇردى

  باشلىقلار يىغىنى يۇقىرىقىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىق ئىئانە بېرىدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشالمىدى، بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا جامائەت بۇ قېتىمقى يىغىندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلىشىش ياكى ئەمەلىيلەشمەسلىكىگە گۇمان بىلەن قارىدى. يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بان كىمون بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلدىن باشقا رەھبەرلەرنىڭ يىغىنغا قاتناشمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى. بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيە يىغىننىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا، يىغىننى تەشكىللىگەن ب د ت نى ئۆز پىكرىگە قۇلاق سالمىدى، دەپ ئەيىبلىدى ھەم رۇسىيەنىڭ يىغىندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، يىغىندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ئىجرا قىلىشقا قىيىنچىلىق تۇغدۇردى.

  خەلقئارا قىزىل كىرېست كومىتېتىنىڭ رەئىسى پىتېر مېللىر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى توغرا نىشانغا قاراپ پائال قەدەم ئالدى ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەرىكىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش قىلدى. تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەرنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، زەنجىرسىمان ئۈنۈم پەيدا قىلدى. لېكىن تەرەپلەر يىغىنغا ئاغزاكى ۋەدە بېرىش بىلەن توختاپ قالسا بولمايدۇ، بەرگەن ۋەدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېيىنكى باسقۇچتا ھەقىقىي ئىشلىمىسە بولمايدىغان خىزمەت. خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تەشكىلاتى ‹‹ئاچارچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى››نىڭ مەسئۇلى ئاندىرىئا تانبۇلىنى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەزكۇر يىغىننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ساھەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋارمەن. يىغىندىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە كاپالەتلىك قىلىش تەس بولسىمۇ، لېكىن يىغىن تەرەپلەر ئۈچۈن قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئالاھىدە پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

  جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چيەن كېمىڭ يىغىندا سۆز قىلىپ تەرەپلەردىن بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پىرىنسىپنى تەكىتلەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر كېڭىشىپ بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ئاساستا، يىغىن نەتىجىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ‹‹رەئىس خۇلاسىسى››گە ئاساسەن، بان كىمون بۇ يىل 9 – ئايدا ب د ت يىغىنىغا بۇ قېتىمقى يىغىندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى دوكلات قىلىدۇ ھەم ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەت ۋە مېخانىزملارنى قانداق ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ‹‹رەئىس خۇلاسىسى››دە 2020 – يىلىغا بارغاندا ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر