باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18 ئۆلكە ئەڭ يېڭى تويلۇق ۋە تۇغۇت دەم ئېلىش كۈنى سانىنى ئېلان قىلدى

2016.04.01 13:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتى 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كېچىكىپ توي قىلىش ۋە كېچىكىپ پەرزەتلىك بولۇش دەم ئېلىش كۈنى بىكار قىلىندى، جايلارنىڭ تويلۇق، تۇغۇت ۋە مائاشلىق دەم ئېلىش كۈنى لايىھەسى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلدى. ھازىر، مەملىكىتىمىزدىكى خېبېي، لياۋنىڭ، بېيجىڭ، تيەنجىن، شەندۇڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، ئەنخۈي، جياڭشى، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خۇبېي، سەنشى، نىڭشيا، سىچۈەن، لياۋنىڭ، چىڭخەي قاتارلىق 18 ئۆلكە، شەھەر ئۆز رايونىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. قالغان باشقا ئۆلكە، شەھەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا جىددىي تۈزىتىش كىرگۈزۈلمەكتە.

  ھازىر يولغا قويۇلغان بەلگىلىمىلەردىن قارىغاندا، كېچىكىپ توي قىلىش ۋە كېچىكىپ پەرزەتلىك بولۇش دەم ئېلىش كۈنىنى بىكار قىلىش، تۇغۇت دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش پىرىنسىپىدا، نۇرغۇن رايوننىڭ تويلۇق دەم ئېلىش كۈنى دۆلەتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدىكى دەم ئېلىش كۈن سانى بىلەن بىردەك بولدى، لېكىن، تۇغۇت دەم ئېلىش كۈنىنى ئۇزارتىشتا جايلانىڭ ئۆز ئالدىغان ئورۇنلاشتۇرۇشى بولغاچقا، ھەر قايسى جايلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي تۇغۇت دەم ئېلىش كۈنىدىن بەھىرلىنىشىدە نىسبەتەن چوڭ پەرق پەيدا بولدى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر