- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2- نۆۋەتلىك « شىنجاڭ ئاياللار ۋە بالىلار خەير-ساخاۋەت مۇكاپاتى» نامزاتىغا 7-ئاپرېلدىن باشلاپ بېلەت تاشلىنىدۇ
2016.04.01 16:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاپرېلدىن 20- ئاپرېلغىچە، سىز بېلەت تاشلاش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل خەير-ساخاۋەتچىنى تاللاپ چىقسىڭىز بولىدۇ. 30-مارت، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار ۋە بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 2 - نۆۋەتلىك « شىنجاڭ ئاياللار ۋە بالىلار خەير-ساخاۋەت مۇكاپاتى»- ئەڭ گۈزەل خەير-ساخاۋەتچىنى باھالاش پائالىيىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن رەئىسى مېھرىگۈل بەردى ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ ئاياللار ۋە بالىلار خەير-ساخاۋەت مۇكاپاتى نامزاتىنى باھالاش پائالىيىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى.
« شىنجاڭ ئاياللار ۋە بالىلار خەير-ساخاۋەت مۇكاپاتى» شىنجاڭ ئاياللار ۋە بالىلار خەير-ساخاۋەت ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات بولۇپ، ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت باھالىنىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك باھالاش پائالىيىتى ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بەرگەن، ئاياللار تەرەققىياتى، ئاياللار-بالىلارنىڭ ساغلاملىقى، خەير- ساخاۋەت ئېڭىنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت ساھەسىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كىشىلەر تەقدىرلىنىدۇ. ئەڭ گۈزەل خەير-ساخاۋەتچى مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىنىپ، جەمئىيەتتىن كۆرسىتىش، فوندى جەمئىيىتى دەسلەپكى تاسقاش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش، توردا بېلەت تاشلاش، جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، 10 نەپەر ئەڭ گۈزەل خەير-ساخاۋەتچى باھالىنىپ تەقدىرلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر