باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيدەيخې ئايرودۇرۇمى پۈتۈپ ئايروپىلان قاتنىدى

2016.04.01 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىسى چىنخۇاڭداۋ شەھىرىگە جايلاشقان بېيدەيخې ئايرودۇرۇمىدا بۈگۈن رەسمىي ئايروپىلان قاتنىدى. بۇ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىدا 2012-يىلى 5-ئايدا ئىش باشلانغان، بېيدەيخې يېڭى رايونىغا تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇچۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2600 مېتىر، كەڭلىكى 60 مېتىر ( يول ياقىسى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، مەخسۇس خەلق ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايرودۇرۇمدىن گۇاڭجۇ، شاڭخەي، چېڭدۇ، چىڭداۋ، شىجياجۇاڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان دۆلەت ئىچى لىنىيەسى ئېچىلغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى 70 كە يېقىن بولىدىكەن ھەم 2016-يىللىق يازلىق تەتىل مەزگىلدە رۇسىيە، كورېيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۇچىدىغان خەلقئارا لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر