باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىللىپىن ئامېرىكىغا بەش ھەربىي بازىسىنى ئېچىۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى نەنشا تاقىم ئارىلىغا يېقىن

2016.03.22 14:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا يېقىندا بىر تۈرلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇش شەكلى ئارقىلىق بەش جايدىكى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىكى ھەربىي بازىدا تۇرۇشىغا يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسى نەنشا تاقىم ئارىلىغا يېقىن بولغان باراۋان ئارىلىدا ئىكەن.

  ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا يىللىق ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىش ئۆتكۈزدى، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باراۋان ئارىلىنىڭ ئەندۇنىئو بادىستا ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى، فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلانىڭ شىمالى قىسىمىدىكى باسا ھاۋا ئارمىيە بازىسى، لۇسون ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى پارايەن شەھەردىكى ماگىسەي بازىسى قاتارلىق ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلىدۇ.

  بەش بۇرجەك بىنانىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: فىلىپپىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق فىلىپپىنگە ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بىلەن دېڭىز ئامانلىقىنى ساقلاشقا ياردەملىشىش ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلىشىغا يول قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر