باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇساپىرلار گىرېتسىيەگە ئاخىرقى ھۇجۇم قوزغىدى

2016.03.22 14:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمىگە ئاساسەن، 20-مارتتىن باشلاپ، تۈركىيە ئارقىلىق گىرېتسىيەگە كىرگەن بارلىق قانۇنسىز مۇساپىرلار تۈركىيەگە قايتۇرۇلىدۇ. 18-مارت مۇساپىرلار كىرىزىسى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن مۇساپىرلار گىرېتسىيەگە ئاخىرقى ھۇجۇم قوزغاپ، ئالاقىدار تەدبىرلەر ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى گىرېتسىيەگە كىرىپ، بۇ ئارقىلىق ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى.

  گىرېتسىيە ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 18-مارت كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان كۈنى، تەخمىنەن 1 مىڭ 500 مۇساپىر ئېگېي دېڭىزى ئارقىلىق گىرېتسىيەگە يېتىپ كېلىپ، بۇندىن بىر كۈن ئىلگىرىكىدىن بىر قاتلىغان.

  گىرېتسىيە زۇڭلىسى چىبۇراسنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن 2 مىڭ 300 نەپەر چېگرا مۇداپىئە ئەسكىرى، مۇساپىلەر ئىشلىرى قانۇنى مۇتەخەسسىسى قاتارلىقلار ناھايىتى تېزدىن گىرېتسىيەگە يېتىپ كېلىپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشقا ياردەملەشكەن.

  كۆزەتكۈچىلەر، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش ۋە قايتۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن قېيىن بولۇپ، 19-مارتقىچە، 47مىڭ 500 مۇساپىرنىڭ گىرېتسىيە تەۋەسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىڭ 500 كىشىنىڭ ئىدۇۋەنى مۇساپىلەر لاگېردا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، 8 مىڭ 200 كىشىنىڭ بىر قانچە ئارالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر