باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش چارىسى› نى يولغا قويۇشقا دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە» نى چۈشۈردى

2016.03.03 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش چارىسى› نى يولغا قويۇشقا دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلدى) نى چۈشۈردى. «بەلگىلىمە» دە، مەشغۇلات تەدبىرلىرى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى بىرلەشتۈرۈش يولىنى ئېچىپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە كارخانىلار قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكىتلىرى ۋە پەن-تېخنىكا خادىملىرى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى.

  «بەلگىلىمە» دە، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت قىلىش ياكى باھا بەلگىلەپ مەبلەغ سېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كارخانا ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا يۆتكەشكە رىغبەتلەندۈرۈلدى. دۆلەت تەسىس قىلغان تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر تېخنىكىنى يۆتكەش خىزمىتى سىستېمىسى ۋە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئىجازەت قىلسا ياكى باھا بەلگىلەپ مەبلەغ سالسا بولىدۇ، دۆلەت مەخپىيەتلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغانلىرىدىن باشقىلىرىنى تەستىقلىتىش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش ھاجەتسىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر