باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەل قەلبىنى مايىل قىلغان«قەشقەر چىيى»

2016.03.03 11:31   مەنبە: خەلق تورى

ئەل قەلبىنى مايىل قىلغان«قەشقەر چىيى»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) «قاتار چاي» دېسە بەلكىم كۆز ئالدىڭىزدا رېستۇران، ئاشپۇزۇللاردا، باغۇ-بوستانلاردا ئاياللارنىڭ تۈگىمەيدىغان ھەر خىل باھانە-سەۋەبلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇرتلۇقلار چىيى، ساۋاقداشلار چىيى، خىزمەتداشلار چىيى... دېگەندەك ھەر خىل چايلار كۆز ئالدىڭىزغا كېلىشى مۇمكىن. لېكىن مەن چاغان مەزگىلىدە مەدەنىيەت بۆشۈگى قەشقەر دىيارىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇرت-مەھەللە، خەلق ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولغان 9-قېتىملىق «قەشقەر چىيى»غا قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.

  «قەشقەر چىيى» 2015-يىلى 2-ئايدا قەشقەر كونسۇل چاي تائاملىرىدا باشلانغان بولۇپ، دەسلەپكى چاينى قەشقەر قادىر دادام پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى پاتىمە ئابدۇقادىر يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى، قادىر دادام پىدائىيلار ئەترىتى قاتارلىق قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر نەچچە پىدائىيلار ئەترەتلىرى ۋە كارخانىچىلارنى جەم قىلىپ باشلىغان ئىدى.

  پاتىمە ئابدۇقادىر 2014-يىلى يىل بېشىدا، ئىچكى ئۆلكىنىڭ «بىر يۈەن فوندى»غا توردا بەدەل پۇلى تۆلەش ئارقىلىق ئەزا بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىللىقلىق سومكىسىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ كەلدى. ئۇ 2014-يىلى 12-ئايدا يىراق يېزا-قىشلاقلاردىكى بالىلارغا ئىللىقلىق كىيىمى، مۇزىكا ئەسۋابلىرى، تەنتەربىيە سايمانلىرىنى يەتكۈزۈش جەريانىدا، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى نوداي كەنتىدىكى ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك سۆڭەك، ئۇمۇرتقىسى ئۆزگىرىپ، بىر يىرىم يىل مەكتەپكە بارالماي ئولتۇرۇپ قالغان 13 ياشلىق نۇرئامىنەمنى تاساددىپىي ئۇچرىتىپ قالدى. بۇ كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالاتمىسا مەڭگۈلۈك مېيىپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان پاتىمە ئابدۇقادىر 2015-يىلى 1-ئايدا نۇر ئامىنەمنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئېلىپ كېلىپ بالىنىڭ كېسىلىنى كۆرسىتىپ، ئۆز يېنىدىن 150 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىش ھەم جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوختۇر سېستىرالارنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن 2015-يىلى 3-ئايدا، ئىچكىردىن مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ نۇر ئامىنەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇ بۇ جەرياندا «يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس، چىڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دېگەن ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىپ يەتتى. كۆپنىڭ كۈچىنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىدىغانلىقىنى، ساخاۋەت ئەترەتلىرى، پىدائىيلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئۆز ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يول كۆرسىتىش، ياردەملىشىش ئارقىلىق قەشقەرنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە رېئايە قىلغان ئاساستا قىيىنچىلىققا، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن ھەمدەمدە بولۇش، ئاساسلىقى يېزا مەكتەپ بالىلىرىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق مائارىپنى كۈچەيتىش ھەم يالغۇز قالغان ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسىگە كۈڭۈل بۆلۈشنى مەقسەت قىلىپ «قەشقەر چىيى»نى باشلىدى. بۇ چاي يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، قەشقەردىكى ئاياللار بىرلەشمىلىرى ۋە ئىتتىپاق كومىتېتلىرىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، ھەر قايسى ساخاۋەت ئەترەتلىرى، پىدائىيلار ئەترەتلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن «گۈل چاي» قولدىن - قولغا ئۆتۈپ، توققۇز قېتىم ئۆتكۈزۈلۈش جەريانىدا بۇ جەڭگىۋار قوشۇن كۈندىن-كۈنگە زورىيىپ، قەشقەر خەلقىنىڭ خاتىرجەم، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىدا زور تۈرۈتكىلىك رول ئوينىدى.

  چاي ھەر قېتىم يېڭى بىر تىما بىلەن باشلىنىپ، ساخاۋەت ئەترىتى ۋە پىدائىيلارنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ئەترەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر پاراۋانلىق خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندى. ئوت يۈرەك پىدائىيلار، ساخاۋەتلىك كارخانىچىلار ئالدىراش خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدىن ۋاقىت ۋە ئىقتىساد ئاجرىتىپ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇشنى ئۆز بۇرچى دەپ بىلىپ، ئۆز رولى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتتى.

  9-قېتىملىق «قەشقەر چىيى» 11-فېۋرال قادىر دادام پىدائىيلىرىنىڭ ساھىبخانلىقىدا قوغۇن يۇرتى پەيزاۋاتتا ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ھەم ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى چايغا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەترەتلەردىن دىل ئەمىن ساخاۋەت ئەترىتى، ئامازۇن ساخاۋەت ئەترىتى، پەيزاۋات ياش پىدائىيلار جەمئىيىتى، تىلەك ساخاۋەت ئەترىتى، شىپالىق يامغۇر ساخاۋەت ئەترىتى، ئادەم ئىزدەش پىدائىيلىرى، سەبىيلەرنى ئىزدەش پىدائىيلىرى، ئەتىرگۈل پىدائىيلىرى ھەم ساخاۋەتچى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، چايدا ئۇزاقتىن بۇيان ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگەن ئاتاقلىق يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كەرىمى ئەپەندىگە تون كىيگۈزۈلدى. چايدا پىدائىيلار بىلەن ساخاۋەتچىنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈش ئاساسىي تىما قىلىنىپ، قانداق قىلغاندا پىدائىيلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. ساخاۋەتچى ھەم پىدائىيلار بۇ ناھىيەدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئاتىغانلىرىنى ئىئانە قىلىشتى. پائالىيەتنى تۈگىتىپ چاي ئەھلى ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى ئەزىز سەمەت تېز تاماقخانىسىى ھەم ئاق يۇلتۇز چاي تائاملىرىدا 94-، 95- قېتىملىق «مېھىر تائاملىرى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، قەھرىتان سوغۇقتا يىراق-يېقىندىن كېسەل داۋالاتقىلى كەلگەنلەرگە بىر تەخسە «مېھىر تائاملىرى» ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ كۈنكى «قەشقەر چىيى»نى ئاخىرلاشتۇردى.

  پەيزاۋات ناھىيە تىرىم يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، پەيزاۋات قادىر دادام پىدائىيلىرى ئەترىتىنىڭ پىدائىيسى مېھرىنسا ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئەترەتنىڭ نىشانى ئوقۇش يېشىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر، مېيىپ ئوقوغۇچىلارغا ئىقتىسادى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىش بولۇپ، بىز «قەشقەر چىيى» مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن پىدائىيلار ئەترەتلىرى ھەم ساخاۋەت ئەترەتلىرى بىلەن تونۇشتۇق. بىز ئۈندىدارنىڭ ئىجابىي رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەر قايسى يېزا-قىشلاقلاردىكى ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ئارقىلىق ياردەمگە ھەممىدىن بەك مۇھتاج كىشىلەرنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شۇ بالىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ھەممە پىدائىيلار بىر يەڭدىن قول، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا ئىنتايىن ئۈنۈمى چوڭ بولدى دەپ قارايمەن.

  كىچىك بىر ناھىيەدىكى پىدائىيلىققا ئۆزىنى ئاتىغان ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى، تەسىرلىك ھېكايىلىرى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. مەن بۇ ئەھمىيەتلىك، تەملىك چاينىڭ «قەشقەر چىيى»لا ئەمەس، بەلكى جەڭگىۋار قوشۇننىڭ ئەلگە قۇيغان «مېھىرلىك چىيى» ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…