خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 20-فېۋرال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېرىكچىلار جەمئىيىتىنىڭ قارىمىقىدىكى ماھارەت سېرىك ئۆمىكىدىكى سېرىكچىلار ئۆمەك قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەم ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، غالىبىيەت يولى ئاھالىلەر كومىتېتىغا قاراشلىق ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، بالىلارنىڭ تەتىل كۈنلىرىنى مەنىلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، ياخشى روھىي كەيپىياتتا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋېلىشى ئۈچۈن رەڭدار سېرىك نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ ئۇلارنى قەۋەتلا خۇش قىلدى. بۇ كۈنكى سېرىك نومۇرلار ھەممىنى ھەيران قالدۇرسا، كىچىك دارۋاز ئەزىمەتلىرىنىڭ دار ئۈستىدىكى سەر خىل نومۇرلىرى مىللىي ئەنئەنىنى يەنە بىر قېتىم جۇلالاندۇردى.
بۇ ئۆمەك 2014-يىل 2-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ سېرىكچىلار جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆمەك قۇرغۇچى نۇرئەلى تۇرغۇن تەنتەربىيە ھەم سەنئەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن سېرىك ئۆمىكى قۇرۇش ئارقىلىق ئەتراپىدىكى ياشلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، جەمئىيەتتە ئىش ئورنى يوق، ئىگە-چاقىسىز ياشلار ۋە بالىلارغا ناچار قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، ئۇلارغا بىر چىقىش يولى تېپىپ بېرىش مەقسىتىدە شىنجاڭ ماھارەت مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنى قۇرغانىدى. بۇ شىركەت قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، شىركەت قارىمىقىدىكى بۇ ئۆمەك بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، سېرىكچىلار جەمئىيىتىدىكى كەسپىي سېرىكچىلارنىڭ يىتەكلىشى ھەم نۇرئەلى تۇرغۇننىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەشى نەتىجىسىدە مۇنتىزىم ئۆمەك بولۇپ تەشكىللەندى. ئۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ سېرىكچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەت رايونلىرىدا تەكلىپ بىلەن ئويۇن قويۇپ، سېرىكچىلىكنى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى ئىچكى ئۆلكىلەردە نامايان قىلىشتا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى