باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىستراتېگىيە

دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئون ھالقىلىق سۆز

2016.03.03 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئارزۇسى

  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسى. بۇ ئارزۇغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۈمىدى مۇجەسسەملىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى نامايان قىلىنغان، ھەر بىر جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  −− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «گۈللىنىش يولى» دېگەن كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا دېگەن سۆزىدىن ئېلىندى

  بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى، مىللەتنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  تۆت ئومۇميۈزلۈك

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە شەكىللەندۈردى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ھەم ئىستراتېگىيەلىك نىشان، ھەم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، ھەر بىر «ئومۇميۈزلۈك» مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يادرولۇق قىممەت قارشى

  يادرولۇق قىممەت قارشى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئاڭنى ئۈنۈملۈك بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىجتىمائىي سىستېمىنى نورمال يۈرگۈزۈپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئۈنۈملۈك قوغداشنىڭ مۇھىم يولى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۈچلۈك تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە يادرولۇق قىممەت قارشى بەرپا قىلىش جەمئىيەتنىڭ تىنچ، مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

  تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە

  دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ خەلقئارالىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى گىرەلىشىپ، گۈللىنىشى بىلەن خارابلىشىشى بىر-بىرىگە باغلىنىپ، تىنچ ۋە خەتەرلىك كۈنلەردە بىللە بولۇپ، بىر-بىرىگە بېقىنىدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە شەكىللەندۈردى. مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگىرەۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە جىددىي، گەۋدىلىك خەلقئارالىق مەسىلە ئالدىدا، ھەر قايسى دۆلەت ئاممىسى دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇشى كېرەك.

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش تەرەققىيات ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەنلىكى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىڭ تەس بولۇشىغا قارىتا چىقىرىلغان تەدبىر. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى قوماندانلىق تايىقى بولۇپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

  يېڭى نورمال ھالەت

  تارىخ مۇساپىسىدىن قارايدىغان بولساق، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى باسقۇچى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى بۇ ئۇزۇن مۇساپىنىڭ بىر باسقۇچى. بۇ شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ بۇرمىسىمان ئۆرلەش ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  تەمىنلەش جەھەتتىكى ئىسلاھات

  تەمىنلەش جەھەتتىكى ئىسلاھاتنىڭ تۈپ مەقسىتى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتۇر. ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، زاپاس مالنى تۈگىتىپ، پىشاڭنى يوقىتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، كەمچىلىكنى تولۇقلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىن ئەلا سۈپەت بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  بىر بەلباغ، بىر يول

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، بىر بەلباغ، بىر يول لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، سۆزىگە ئەمەل قىلىپ، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش كېرەك. ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىش پرىنسىپى بويىچە يول بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنى ئېلىمىز تەرەققىياتىدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ئېرىشىش تۇيغۇسى

  ئاڭلىغىلى بولىدىغان ،تۇتاملىق، ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتتىكى «ئەڭ بۇرۇنقى بىر كىلومېتىر» بىلەن «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، «ئوتتۇرا ھالقىدا توسۇلۇپ قېلىش»نى بۆسۈپ چىقىپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىسلاھات لايىھەلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر