باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى بەيگە مەيدانى غەربىي مەھەللىسىدىكى «مېھىر تېمى» كىيىم ئىشكابى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

2016.03.03 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- مارت، «مېھىر تېمى» كىيىم ئىشكابى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى بەيگە مەيدانى باشقۇرۇش كومىتېتى بەيگە مەيدانى غەربىي مەھەللىسىدە قۇرۇلۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى ھەرخىل كىيىم -كېچەكلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، ئاھالىلەرگە ھەقىقىي ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

  «مېھىر تېمى» كىيىم ئىشكابى مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتى قورۇسىنىڭ بىر تېمغا كۆك ۋە ھال رەڭدە سىزىلغان، تامغا«ئېھتىياجىڭىز بولسا ئېلىڭ، ئېھتىياجىڭىز بولمىسا ئېسىڭ» قاتارلىق كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان جۈملىلەر يېزىلغان، «مېھىر تېمى» كىيىم ئىشكابىدىكى كىيىم ئاسقۇچقا پەلتو، مامۇق چاپان، پاختىلىق چاپان، يۇڭ پوپايكا . . . قاتارلىق كىيىم - كېچەك ئېسىلغان، ئاستىدا ئاياغ تىزىلغان. نۇرغۇن كىشىلەر دوستلار چەمبىرىكىدە بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇنداق پائالىيەتنىڭ ئاھالىلەرگە ھەقىقىي ئىللىقلىق يەتكۈزدىغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال ئۆزىنىڭ ئىئانە قىلىدىغان كىيىم -كېچەكلىرىنى ئېلىپ كەلگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بۇ مەھەللىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لىيۇ ئەيخۇا مۇخبىرغا «مېھىر تېمى» كىيىم ئىشكابى پائالىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشپلا قالماستىن، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق كەڭ تارقىلىپ، گۇاڭدۇڭ، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى كىشىلەر ئەۋەتكەن كىيىم - كېچەكلەرنى تاپشۇرۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىرغا قەدەر،«مېھىر تېمى» كىيىم ئىشكابى پائالىيىتى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئەۋەتكەن 600 قۇردىن ئارتۇق كىيىم -كېچەكنى تاپشۇرۋالغان.

  ئىگىلىنىشىچە،«مېھىر تېمى» كىيىم ئىشكابى پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى بەيگە مەيدانى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى 12 مەھەللىدە ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر