باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلىرى باش باھاردا مەكىت ناھىيەسىدە «ئاساسىي قاتلامغا خۇشاللىق يەتكۈزۈش» ھال سوراش ئويۇنى قويدى

2016.03.03 11:24   مەنبە: خەلق تورى

ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلىرى باش باھاردا مەكىت ناھىيەسىدە «ئاساسىي قاتلامغا خۇشاللىق يەتكۈزۈش» ھال سوراش ئويۇنى قويدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتى باش باھاردا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، «ئاساسىي قاتلامغا خۇشاللىق يەتكۈزۈش» مەقسىتىدە 26-فېۋرال مەكىت ناھىيەسىگە بېرىپ بىر مەيدان ھال سوراش ئويۇنى قويدى.

  «جۇڭگو ئارزۇسى − مەدەنىيەتنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش» باش تېمىسىدىكى بۇ ئويۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ مىللەتتىن تەشكىللەنگەن داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ سەر خىل نومۇرلىرى بىلەن مەكىت مەدەنىيەت يۇرتىدا قويۇلغان بولۇپ، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئويۇن بولدى. بۇ قېتىمقى ئويۇنغا داڭلىق ئارتىسلاردىن شامىل شاكىر، گۈزەلنۇر قۇربان، زوردۇن، دەلىلقان، سېرىكچى غەيرەت ئېزىز، 2014-يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «پارلاق يول» پىروگراممىسىدا چېمپىيون بولغان ياش ناخشىچى گۈزەلنۇر مەمەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى «ھەر مىللەت خەلقى قېرىنداش» دېگەن ناخشىنى يېزىپ ھەم ئىككى ھەمشىرىسى بىلەن ئېيتىپ كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان ناخشىچى ئەنىۋەرجان، ئۇسسۇلچى ئامانگۈل سىدىق قاتارلىق ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، سېرىكچى ھەم ئېتوتچىلار نادىر نومۇرلىرى ئارقىلىق مەكىت خەلقىگە خۇشاللىق ھەم زور مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىپ، سەر خىل نومۇرلىرى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق - ئىتتىپاق، خاتىرجەم تۇرمۇشىنى نامايان قىلدى.

  مەكىت ناھىيە بازاجەمى كەنتىدىن ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن مۇھەممەت يۈسۈپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ يۇرتىمىز دولانلىقلار يۇرتى، شۇڭا خەلقىمىز سەنئەتكە ئىنتايىن ھېرىسمەن. بۇ قېتىم نۇرغۇن چولپانلار ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېسىل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بىزنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. مانا مۇشۇنداق ئېسىل نومۇرلار بىزگە ئۆز سەنئىتىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزنىڭ لازىملىقىنى، مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. بىز سەنئەت ئارقىلىق باش باھاردا ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇق.

  ئىگىلىشىمچە، «ئاساسىي قاتلامغا خۇشاللىق يەتكۈزۈش» ھال سوراش ئويۇنى قويۇش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2011-يىلىدىن بۇيانقى ئالتە يىل مابەينىدە، نەچچە يۈز يازغۇچى، سەنئەتكارلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىغا خۇشاللىق يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…