باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2016.03.03 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈندىن باشلاپ 31 - مارتقىچە، 2016 - يىلى شىنجاڭدىكى ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش تورى (www.xjlxb.com) ئارقىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلىشتا ئۆزى ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ دائىملىق نوپۇسى بار بولۇشى، نوپۇس 2011-يىلىدىن بۇرۇن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن ياكى بۇرۇندىن شىنجاڭدا بولۇشى؛ يەنە بىرىنچى يىللىق ۋە تەييارلىق باسقۇچىدىن يۇقىرى بولغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ماگىستىر ئاسپىرانتلار ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان بولۇشى؛ يېشى 40 ياشتىن تۆۋەن بولۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك ئىكەن.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ دائىملىق نوپۇسى بار، ئەمما ئۆزى ئۆرلەپ ئوقۇش سەۋەبىدىن ئاللىبۇرۇن نوپۇسىنى يۆتكەپ كەتكەن بولسا، نوپۇسنى شىنجاڭدىن يۆتكىگەن ۋاقىت ۋە ئۆرلەپ ئوقۇغان ۋاقىت بىردەك بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شىنجاڭنىڭ دائىملىق نوپۇسى يوق بولغان ئەھۋالدىمۇ بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشى نوپۇس شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراشقا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا باشقا يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، تۆۋەندىكى بەش خىل ئەھۋالدا ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ: بىرىنچى يىللىق ۋە تەييارلىق باسقۇچىدا بولسا (بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان ۋاقتى يېرىم يىلغا يەتمىگەن)؛ ئىلگىرى بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئىككى قېتىم (ئىككى قېتىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ئالغان بولسا؛ مەكتەپتە يوق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار؛ ئاسپرانتلىقنى ياكى دوكتۇرلۇقنى ئۇلاپ ئوقۇغان 1 - يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار؛ مەكتەپلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئېچىش شەكلى ئارقىلىق چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ھەرقايسى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى.

  بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئائىلە ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىق بار ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپلىرى ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئىھتىياجلىق كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىكەن. مۇكاپات سوممىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ( رايون )لارنىڭ مال باھا سەۋىيەسى، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە ئوقۇش تارىخى قاتارلىق ئامىللار بويىچە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىگە ئايرىلىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر