باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قەدەمنى پۇختا ئېلىش ۋە ئىشنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2016.03.03 14:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016 - يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار ھۆججەت، مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلىرى، ئىش تەقسىمات لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 28 - فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى خۇلاسىلەندى، 2016 - يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016 - يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار ھۆججەت، مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلىرى، ئىش تەقسىمات لايىھەسىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى تەڭشەپ، «ئىككى گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، رەھبەرلەر ۋە ئەزا ئورۇنلارنىڭ كۈچىنى تولۇقلىدى ۋە كۈچەيتتى. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك قىلىش، بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدىكى گەۋدىلىك قىيىنچىلىق ۋە چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. ئەزا ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ۋەزىپە، ئىش تەقسىماتى لايىھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت بىلەن پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەردىكى ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا كۈچىشى كېرەك. كارغا كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: نامرات ئاھالىلەرگە ئارخىپ، كارتا تۇرغۇزۇپ، «كەينىگە قاراش»، «ساختىلىقنى تۈگىتىش»نى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئالاقىدار تەرەپلەر جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆلچەمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئارخىپ ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، يېزا - بازارلارنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرگە ئارخىپ، كارتا تۇرغۇزۇپ، «ئارقىغا قاراش»، «ساختىلىقنى تۈگىتىش»نى ئەلرايىنى بىلىش ھالقىسىدىكى ئۇللۇق خىزمەت قىلىش كېرەك. يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى كۈچ تەشكىللەپ، ئارخىپ، كارتا تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەرمۇ نامراتلارنى يۆلەش ئۇسۇلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشىلاپ، نامرات ئاھالىنى كۆزلەپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نامرات كەنتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرىدىغان ۋە كىرىمنى ئاشۇرىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرلىرىنى جايىدا تاللاپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نامراتلارنى يۆلەش پىلانى، نامرات ئاھالىلەرنى روناق تاپقۇزۇش ئېھتىياجىغا چېتىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن نۆۋەتتىكى بىر قانچە تۈرلۈك مۇھىم خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ ئاددىي، ئۈنۈملۈك چارىلىرىنى تېزدىن تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ھەقىقىي ئۇيغۇن كېلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چارىسىنى، «ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكەت»نى كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قويۇق جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قەدەمنى پۇختا ئېلىش ۋە ئىشنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۆھرەت زاكىر، مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ ۋېي، ما شۆجۈن، چيەن جى، جارۇللا ھېسامىدىن، ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار، ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر