- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فىرانسىيە مۇخبىرىنىڭ مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشى رەت قىلىندى
2015.12.28 09:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 26-دېكابىر فىرانسىيە «يېڭى كۆزەتكۈچىلەر» ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتيېرنىڭ مۇخبىرلىق كېنىشكىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشى رەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە «يېڭى كۆزەتكۈچىلەر» ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتيېر 18-نويابىر خەۋەر بەرگەندە، تېررورلۇق قىلمىشى، بىگۇناھ ئاممىنى قەبىھلەرچە ئۆلتۈرۈش قىلمىشىغا مەدەت بېرىپ، جۇڭگو ئاممىسىنىڭ نەپرىتىنى قوزغىدى. ئۇرسۇلا گوتيېر تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا مەدەت بەرگەن خاتا گەپ-سۆزلىرى توغرىسىدا جۇڭگو ئاممىسىدىن كەچۈرۈم سورىمىدى، شۇڭا ئۇ داۋاملىق جۇڭگودا خىزمەت قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ.
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو چەتئەللەرنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگودىكى زىيارەت قىلىش، خەۋەر بېرىش قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ كەلدى، ئەمما تېررورلۇققا مەدەت بېرىدىغان ئەركىنلىكنى سىغدۇرالمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر