باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنى يېپىلدى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىنى كېلەر يىلى 5-مارت بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2015.12.28 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنى 27-دېكابىر چۈشتىن كېيىن «خەلق» سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى قانۇنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان 36-، 37-، 38-، 39-، 40-، 41- نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئېلان قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېتىنىڭ 159 تەشكىلىي ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خەير-ساخاۋەت قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى لى جيەنگوغا، دائىمىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا ئىزاھات بېرىشنى ھاۋالە قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەنگە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ رايونى قاتارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 232 ناھىيە(شەھەر، رايون)، تيەنجىن شەھىرىنىڭ جىشيەن ناھىيەسى قاتارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 59 ناھىيە(شەھەر، رايون)، مەمۇرىي رايونلاردا ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ يولغا قويۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى، گوۋۇيۈەنگە پاي چېكى تارقىتىش، تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئاكسىيە قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەڭشەپ سىناق يولغا قويۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى، گوۋۇيۈەنگە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن قىسمەن مەمۇرىي تەستىقلارنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ سىناق يولغا قويۇش ھوقۇقى بېرىلگەن ۋاقىت توشقاندىن كېيىنكى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قارار بويىچە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 2016-يىلى 5-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر