باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن تور ئەھلىنى ھۆججەت رەتلەش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلدى

2015.06.18 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، چۈشۈرۈش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يېقىندا توردا «مەن گوۋۇيۈەننىڭ ھۆججەت رەتلەش خىزمىتىگە قاتنىشىمەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تور ئەھلىنى گوۋۇيۈەننىڭ رەتلەنگەن بىر قىسىم ھۆججەتلىرىگە رەتلەش پىكرى بېرىشكە تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلدى. تور ئەھلى 16-ئىيۇندىن 25-ئىيۇنغىچە، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ «مەن گوۋۇيۈەننىڭ ھۆججەت رەتلەش خىزمىتىگە قاتنىشىمەن» سەھىپىسى ياكى خەلق تورى، شىنخۇا تورى قاتارلىق تور بېكەتلىرىگە مەخسۇس ئۇلانغان سەھىپىلەرگە كىرىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاشكارا پىكىر ئېلىنغان گوۋۇيۈەننىڭ ھۆججەتلىرىگە بىكار قىلىش، كۈچتىن قالغانلىقىنى جاكارلاش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن پىكىر بەرسە ھەم گوۋۇيۈەننىڭ ھۆججەت رەتلەش خىزمىتىگە پىكىر-تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. گوۋۇيۈەن تور ئەھلىنىڭ پىكرىنى ھۆججەت رەتلەش قارارىنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش ئاساسى قىلىدۇ. توردا پىكىر ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ھۆججەت رەتلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ پىكرىنى ئەتراپلىق سىستېمىلاشتۇرىدۇ ھەم ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىدۇ


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر