باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ گاۋلى جۇڭگونى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن ئاسىيا بانكىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرلىرى ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2015.05.27 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 25 - ماي جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې راۋىقىدا ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئىجرائىيە مۇدىرلىرى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى .

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېخى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات يەنىلا بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى قوزغىتىشنى كۈچەيتىش، بوشلۇق جەھەتتە ئورۇنلاشتۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا بانكىسى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئاسىيا بانكىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات - تەرەققىيات ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى چۆرىدەپ قەرز پۇل تۈرىنى ئاساس قىلىپ، جۇڭگونىڭ زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ئاسىيا بانكىسىنىڭ - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا داۋاملىق مەدەت بېرىدۇ. ئاسىيا بانكىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرلىرى ئۆمىكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا بانكىسى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ،ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە تۈرلۈك ئىسلاھاتىغا مەدەت بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر